باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر



ئالبوم







خەلق تورى>>مائارىپ

ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۇنىڭ ۋەقتىنى ئۆزگەرتكەندىن موھىم

ۋېي ۋېنبياۋ

2013.09.09 17:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسى ئېلان قىلغان «مائارىپ قانۇنلىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)» دە، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ۋاقتىنى 9-ئاينىڭ 28-كۈنىگە ئۆزگەرتىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

  9-ئاينىڭ 10-كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقىنىغا 29 يىل بولغان ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ ۋاقتى ئەمدى ئۆزگىرىدىغان بولدى، بۇ ئىش جەمئىيەتتە مۇلاھىزە قوزغىدى. ئەمەلىيەتتە ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى ئۆتكۈزىدىغان كونكرېت كۈن مۇھىم ئەمەس، بايرامنى قانداق ئۆتكۈزۈش مۇھىم. ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەسىس قىلغان دەسلەپكى چاغدا ئوقۇتقۇچىلارنى ھۈرمەتلەيدىغان ئىجتىمائىي كەيپىيات يارىتىش ئاساس قىلىندى ھەمدە ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ ئوقۇتقۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈرۈلدى. بۇ بايرامنى 9-ئاينىڭ 28-كۈنىگە يەنى «كۇڭزى تۇغۇلغان كۈن»گە ئۆزگەرتىش، مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان تۈگۈن ئەمەس. ئەگەر پۈتكۈل جەمئىيەتتە مۇشۇ كۈندە ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان تونۇش يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ دەيدىغان بولساق، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنىڭ كۈنى ئۆزگەرتىلمىسىمۇ، ئوخشاشلا ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىنى تەسىس قىلىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، ئەكسىچە، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىشلار ياخشى ئىشلەنمىسە، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى قايسى كۈنگە بېكىتىلسۇن، ئۇنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى بولمايدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل