مۇھىم خەۋەرلەر

جىددىي خەۋەر! رۇسىيەنىڭ بىر كۈرەشچى ئايروپىلانى چۈشۈپ كەتتى

2024.06.12 15:14 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 11-كۈنى، رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر «سۇ-34» كۈرەشچى ئايروپىلانىنىڭ شىمالىي ئوسېتىيەنىڭ تاغلىق رايونىدا چۈشۈپ كېتىپ، ئىككى ئۇچقۇچىنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

  بۇ ھەقتىكى باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئەينى چاغدا بۇ ئايروپىلان دائىملىق مەشىق ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇپ، ۋەقەنىڭ دەسلەپكى سەۋەبى تېخنىكىلىق كاشىلا دەپ بېكىتىلدى. ۋەقە يەر يۈزىدىكى ئەسلىھەلەرگە زىيان يەتكۈزمىدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ