جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ئۈچ دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى بويىچە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى سىنلىق تەبرىكلىدى

2024.06.07 16:24 مەنبە: خەلق تورى

  6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى بويىچە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى سىنلىق تەبرىكلىدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  6 ـ ئاينىڭ 6 ـ كۈنى، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى بويىچە ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپپاروف، ئۆزبېكىستان زۇڭتۇڭى مىرزىيويېف كېلىشىم ئىمزالانغانلىقىنى سىنلىق تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆزئارا تۇتاشتۇرىدىغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك تۈر، ئۈچ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. ئۈچ دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارا كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىشى جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى قۇرۇلۇشىنى پۇختا قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ، جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تەسەۋۋۇرىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بەردى، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۈچ دۆلەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئورتاق پىلانلاش قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت بىلەن بىرلىكتە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، تۈر قۇرۇلۇشىنى باشلاشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۈچ دۆلەتكە ۋە ئۈچ دۆلەت خەلقلىرىگە نەپ يەتكۈزىدىغان، رايون ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدىغان بۇ ئىستراتېگىيەلىك يولنى بالدۇرراق پۈتتۈرۈشنى خالايدۇ.

  جاپپاروف مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى ئۈچ دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشىدىكى بايراقدار قۇرۇلۇش بولۇپ، پۈتكەندىن كېيىن ئاسىيادىن ياۋروپا ۋە پارس قولتۇقى دۆلەتلىرىگە بارىدىغان يېڭى تىرانسپورت لىنىيەسىگە ئايلىنىدۇ، بۇنىڭ لىنىيە بويىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ، شۇنداقلا پۈتكۈل رايوننىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىقتىساد ـ سودا ئالاقىسىنى كۈچەيتىشتە ئەھمىيىتى زور. بۇ تۆمۈريولنىڭ بالدۇرراق پۈتۈپ تىجارەتكە كىرىشتۈرۈلۈپ، رايوننىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى يېڭى تۈرتكىلىك كۈچ بىلەن تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  مىرزىيويېف مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، رايوننى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا بېسىلغان ئەمەلىي قەدەم. جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئەڭ قىسقا قۇرۇقلۇق يولى بولۇپ قالىدۇ، يەنە جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى چوڭ بازىرىنى تۇتاشتۇرىدۇ، بۇ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىش، دۆلەتلەر ئارا دوستانە مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن.

  جۇڭگو ـ قىرغىزىستان ـ ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى شىنجاڭ قەشقەردىن باشلىنىپ، قىرغىزىستاندىن ئۆتۈپ ئۆزبېكىستان تەۋەسىگە كىرىدۇ، كەلگۈسىدە غەربىي ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغىچە ئۇزارتىشقا بولىدۇ، پۈتكەندىن كېيىن ئۈچ دۆلەتنىڭ ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلۇشى، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلۇشىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ تېز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ