سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-سانلىق يىغىنى يېپىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى

2024.06.07 10:13 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-سانلىق يىغىنى 6-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا يېپىلدى، يىغىندا «يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش» مۇھاكىمە تېمىسى قىلىندى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج ك پ 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم ۋەزىپىلەر، مۇھىم تەدبىرلەرنى پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پۇختا ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى تارىخىي ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. بىز سىياسىي يۈكسەكلىكىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىش، ئومۇمىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇمىز ۋە بۇرچ تۇيغۇمىزنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانىدا، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك يۆنىلىش خاراكتېرلىك، تۈپ خاراكتېرلىك، ئۇزاق مۇددەتلىك مەسىلىلەرگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىلدى، ئۇ، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بۇنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، دىققەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بازار ئىگىلىكى ئاساسى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۆلچەملىك بازار سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ماكرولۇق ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق ئىشلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كېڭىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دېموكراتىك نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىشقا پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەقىل كۆرسىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنى جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە ئەستايىدىل تەييارلىق قىلىپ، مەخسۇس كومىتېتلار خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنى سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى ئائىلىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، يىغىندا ما شياۋۋېي، يى خۇيمەن، ساۋ جۈنلەرنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزالىقىغا تولۇقلاش؛ خۇ خېڭلۇنى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپلىقىغا، يى خۇيمەننى ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ كومىتېتتا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، ما شياۋۋېينى مائارىپ-پەن-تېخنىكا-سەھىيە-تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا، ساۋ جۈننى مائارىپ-پەن-تېخنىكا-سەھىيە-تەنتەربىيە كومىتېتىنىڭ كومىتېتتا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى؛ سۈي چىڭ مىللەت ۋە دىن كومىتېتىنىڭ كومىتېتتا تۇرۇشلۇق مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالمايدىغان بولدى. يىغىندا يولداش جاڭ شياۋمىڭنىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقى ۋە ئەزالىقىدىن ئىستېپا بېرىشىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار، ۋاڭ تيەننىڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىدىن ئىستېپا بېرىشىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى. يىغىندا گۇ جۇڭۋېننى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، مىللەتلەر ۋە دىن ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ئۇنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش توغرىسىدىكى قارار، شى لېي، تاڭ يىجۈنلەرنى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق سالاھىيىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى جەزملەشتۈرۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى.

  يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، چىڭخۇا داشۆسى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى شۆيۈەنىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى يى شۇيى تەكلىپكە بىنائەن «ئېلىمىزنىڭ ئۆزەك كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى ۋە رىقابىتى» دېگەن تېمىدا ئۆگىنىش لېكسىيەسى سۆزلىدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ