لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ 8-قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

2024.06.06 15:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن 6-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن «گوۋۇيۈەن تەشكىلىي قانۇنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە يولغا قويۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش»نى باش تېما قىلىپ، 8-قېتىم مەخسۇس ئۆگىنىش قىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن تەشكىلىي قانۇنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنى پۇرسەت بىلىپ، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلى ئارقىلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو سىياسىي-قانۇن داشۆسىنىڭ مۇدىرى ما خۇەيدې چۈشەندۈردى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىلىرىدىن دىڭ شۆشياڭ، خې لىفېڭ، دۆلەت كومىسسارى ۋۇ جېڭلۇڭ پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  لى چياڭ لېكسىيە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە ۋە ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى. يېڭى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپە ئالدىدا، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى قانۇنچىللىق ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قانۇنچىللىق ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قانۇنچىللىق ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر قانۇنچىللىق يولىدا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىشى كېرەك.

  لى چياڭ مۇنداق دېدى: قانۇننى ئىلمىي چىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن چىقىرىشتىكى ئاجىز نۇقتا ۋە بوشلۇقنى تولدۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قانۇن- نىزاملارغا ۋاقتىدا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ياكى بىكار قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، «تېز ئۈنۈم بېرىدىغان»، قاراتمىلىقى كۈچلۈك قانۇن چىقىرىشنى كۆپرەك ئىلگىرى سۈرۈپ، كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىش كېرەك. ئادىل، مەدەنىي قانۇن ئىجرا قىلىشنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، ھەم سالماقنى ئاشۇرۇپ، ھەم ئىللىقلىققا ئىگە قىلىپ، ئادىل، ھەققانىي تەرەققىيات مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك. مەمۇرىي ھوقۇققا چەكلىمە قويۇش ۋە نازارەت قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، مەمۇرىي نازارەتچىلىكنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر ئوچۇق-ئاشكارا يۈرگۈزۈش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كادىرلارنى قانۇن ئارقىلىق مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەربىيەلەش-يېتىشتۈرۈشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇن ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىش بېجىرىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ