جاۋ لېجى سېربىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى لاگۇش ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2024.06.06 15:04 مەنبە: خەلق تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا سېربىيە خەلق پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى لاگۇش، مۇئاۋىن پارلامېنت باشلىقى پائۇنوۋىچ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 5- ئاي، رەئىس شى جىنپىڭ سېربىيەدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، زۇڭتۇڭ ۋۇچىچ بىلەن يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-سېربىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئورتاق جاكارلاپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سېربىيە خەلق پارلامېنتى بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-سېربىيە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتى ھەمكارلىق كومىتېتى قاتارلىق مېخانىزملارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى قاتلام-دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، چىن دوستلۇقنى مۇستەھكەملەپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو- سېربىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ياخشى قانۇن ئىدارە قىلىش ۋە تىجارەت-سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ئادىمىيەت ۋە يەرلىكنىڭ ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ