«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2024.06.12 15:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي كومىتېت ھۆججەت - ئەسەرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىكىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتىن چىقىش قىلىپ، ئېنېرگىيە چوڭ ۋەزىيىتىگە ئۇيغۇنلاشقان يولنى تېپىپ چىقىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە تەمىناتى ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ئىنقىلابى ۋە ئېنېرگىيە تۈزۈلمە ئىنقىلابىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە كاپالىتى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، دۇنيا ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە تەرەققىياتىدا تىپ ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى قوشتى. يولداش شى جىنپىڭ دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلارنىڭ مەزمۇنى يۈكسەك، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە دۆلەت ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاپ، ئېنېرگىيە ئىنقىلابىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە كاپالىتى بىلەن تەمىنلەشتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «بايانلاردىن ئۈزۈندە» سەككىز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن، جەمئىي 217 بۆلەك بايان بار بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2024 - يىلى 5 - ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، نۇتقى، سۆھبىتى، تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق 130 پارچىدىن ئارتۇق مۇھىم ھۆججەت - ئەسىرىدىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ