شى جىنپىڭ ئامېرىكا كېئېن داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى رېپوللېتقا جاۋاب خەت قايتۇردى

2024.06.07 16:25 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا كېئېن داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى لامونت رېپوللېتقا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: 2006 ـ يىلى، مەن مەكتىپىڭلاردا جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەمكارلىشىپ ۋېنجوۋ كېئېن داشۆسى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاش مۇراسىمىغا گۇۋاھ بولدۇم. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ۋېنجوۋ كېئېن داشۆسىنىڭ مەكتەپ باشقۇرۇش نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مائارىپ ھەمكارلىقىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر بولۇپ قالدى، بۇ، كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت ـ سائادىتى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ياشلارنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىدىغان كەلگۈسى قۇرۇلۇش. سىز خېتىڭىزدە، ۋېنجوۋ كېئېن داشۆسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكىلىق ئوقۇغۇچىلارنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە ئىلھاملاندۇرىدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپسىز، مەن بۇنى ئىنتايىن تەرىپلەيمەن. ئىككى دۆلەت ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ كۆپ خىل شەكىل ئارقىلىق ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھەم جۇڭگونى چۈشىنىدىغان، ھەم ئامېرىكىنى پىششىق بىلىدىغان ياش ئەلچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۆۋرۈك بەرپا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىز ۋە ئامېرىكىنىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى باشقا زاتلارنىڭ جۇڭگوغا كۆپرەك كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى قارشى ئالىمەن، شۇنداقلا مېنىڭ سابىق مەكتەپ مۇدىرى، دوكتور فاراشىغا يوللىغان سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  2006 ـ يىلى 5 ـ ئايدا، شۇ چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، ۋېنجوۋ داشۆ بىلەن ئامېرىكا كېئېن داشۆسى رەسمىي كېلىشىم ئىمزالاپ، ۋېنجوۋ كېئېن داشۆسىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇشنى قارار قىلغانىدى. 2014 ـ يىلى، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ۋېنجوۋ كېئېن داشۆسى رەسمىي تەسىس قىلىندى، نۆۋەتتە تولۇق كۇرس، ماگىستىرلىق، دوكتورلۇقتا ئوقۇۋاتقان جەمئىي ئوقۇغۇچى تەخمىنەن 4500 كىشى، سەككىز قاراردا جەمئىي 3300دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تولۇق كۇرس بويىچە تەربىيەلىنىپ ئوقۇش پۈتكۈزدى. يېقىندا، ئامېرىكا كېئېن داشۆسىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى رېپوللېت رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ھەمكارلىشىپ مەكتەپ باشقۇرۇش ئەھۋالى ھەم نەتىجىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ، شى جۇشىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئامېرىكىلىق تېخىمۇ كۆپ ياش ـ ئۆسمۈرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشتە بولۇشىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ياش بىر ئەۋلادلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ