خەن جېڭ بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئالكېمىن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى ھەم جۇڭگو-بىرازىلىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 7-قېتىملىق يىغىنىغا ئورتاق رىياسەتچىلىك قىلدى

2024.06.07 15:00 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 6-چېسلا بېيجىڭدا بىرازىلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى ئالكېمىن بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە جۇڭگو - بىرازىلىيە يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 7 - قېتىملىق يىغىنىغا بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ لۇلا بىلەن بۇلتۇر بېيجىڭدا مول نەتىجىلىك ئۇچرىشىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ـ بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يېتەكلەش ۋە ئېچىش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، شۇنداقلا يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېت مېخانىزمى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد ـ سودا، پۇل مۇئامىلە، يېزا ئىگىلىكى، پەن ـ تېخنىكا، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە مۇھىم كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىگە باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنى دىپلوماتىيە جەھەتتە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ كەلدى. 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى ئالدىدا، ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان دوستلۇق ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو-بىرازىلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ئالكېمىن مۇنداق بىلدۈردى: بىرازىلىيە ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپلىك دائىرىدىن ھالقىغان بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ۋە دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېت مېخانىزمى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ. بىرازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، 20 دۆلەت گۇرۇھى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا زىچ ماسلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغداپ، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى ۋە دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  خەن جېڭ بىلەن ئالكېمىن جۇڭگو-بىرازىلىيە ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇللىرىنىڭ سودا، يېڭى سانائەتلەشتۈرۈش، سىياسىي مۇناسىۋەت، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، مالىيە سىياسىتى، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق قارالمىلار توغرىسىدىكى مۇزاكىرىسى ھەم 11 شۆبە كومىتېت ۋە جۇڭگو-بىرازىلىيە كارخانىچىلار كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ ئۆتتى، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا قولغا كەلتۈرگەن ئىجابىي نەتىجىلىرى ھەمدە نامايان قىلغان ھاياتىي كۈچى ۋە ئېلاستىكلىقىغا يۈكسەك باھا بەردى.

  ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى پائال، ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نەتىجىلىرىنى ئەستايىدىل ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى دەرىجىلىك كومىتېت مېخانىزمىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشقا قوشۇلدى.

  ئىككى تەرەپ تېخىمۇ ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەرىكەت ئارقىلىق «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسىنى بىرازىلىيە تەرەپنىڭ «قايتا سانائەتلەشتۈرۈش»، يېڭى نۇسخىدىكى «ئېشىشنى تېزلىتىش پىلانى» قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يىرىك پىلانلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىشقا قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، دۇنيانىڭ باراۋەر، تەرتىپلىك كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان دۇنياۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ئورتاق قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشقا قوشۇلدى.

  يىغىندىن كېيىن، خەن جېڭ ئالكېمىن بىلەن يىغىن خاتىرىسى ئىمزالىدى ھەم ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەكشۈرۈش ـ كارانتىن قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى، سۇغۇرتا كەسپىنى نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش، ئاكسىيە زاكاز مالنى نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار قاتارلىق ساھەلەرگە ئالاقىدار ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ