سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7-سانلىق يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلدى

2024.06.06 15:27 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 7-سانلىق يىغىنىنىڭ ئومۇمىي يىغىنى 5-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ئېچىلدى، سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 14 ئەزاسى «يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش»نى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ قاتناشتى.

  دائىمىي كومىتېت ئەزاسى يى گاڭ: بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك، دەپ تەكلىپ-پىكىر بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى ۋاڭ جىگاڭ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسى ۋە ئىختىساسلىقلارنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خەلقئارا ۋە رايون پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جاڭ ليەنچى مالىيە-باج تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنى تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن قىلىش ھەققىدە تەكلىپ-پىكىر بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جياڭ ئېرشيۇڭ تەيۋەن دېموكراتىك ئاپتونومىيە ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، سانلىق مەلۇمات مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئامىللىرىنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئوبوروتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا يەنىمۇ كۈچ قوشۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى شيې دۇڭ جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: ماكرولۇق سىياسەتنىڭ بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، مالىيە، پۇل-مۇئامىلە سىياسىتىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال بىلەن مەبلەغ سېلىشنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئايلىنىشنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك، دەپ تەكلىپ-پىكىر بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جاڭ جېنيۈ جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئەلئارا سېلىنمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ يېڭى ساھە، يېڭى تېخنىكا، يېڭى بازار ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتا رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكلىپ-پىكىر بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى گې خۇيبو 3-سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى مەركىزى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: كىرىم تەقسىماتى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ھەقىقىي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك، دەپ تەكلىپ-پىكىر بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى بى جىڭچۈەن شەھەر-يېزىلاردا بىرلىككە كەلگەن ياشانغانلار داۋالىنىش كاپالىتى تۈزۈمىنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قېرىلىشىش جەمئىيىتى خىرىسىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەپ دەپ تەكلىپ-پىكىر بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جاڭ كۈەنشوۋ: ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسىغا مەبلەغ توپلاش ۋە تەمىناتنى تەڭشەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، داۋالاش، تېببىي دورىگەرلىكنىڭ ماس تەرەققىياتى ۋە تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ تەكلىپ-پىكىر بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى چيەن كېمىڭ جۇڭگو دېموكراتىك ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: شەھەر-يېزا ئامىللىرىنىڭ يۆتكىلىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزا مۇناسىۋىتىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى چېڭ يۇڭبو يېزا پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسى، قولايلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنىڭ ئىشەنچىسىنى چىڭىتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى پۇختىلاشنى ئوتتۇرىغا قويدى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى جاڭ ئېندى جۇڭگو ئادالەتپەرۋەرلەر پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، ئەركىن سودا سىناق رايونى تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك، دەپ تەكلىپ-پىكىر بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى گاۋ فېڭ مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ: چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازارنى تۇتاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك، دەپ تەكلىپ-پىكىر بەردى. دائىمىي كومىتېت ئەزاسى سەي گۇەنشېن: شياڭگاڭنىڭ خەلقئارالاشقان تەرەققىياتىنى قوللاپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىدە ئاكتىپ رول ئويناش كېرەك، دەپ تەكلىپ-پىكىر بەردى.مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شاۋ خۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ