جاۋ لېجى خېبېي ئۆلكىسىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىشنى تەكىتلىدى

2024.06.06 15:25 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 2 - ئىيۇندىن 4 - ئىيۇنغىچە خېبېيدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى سىستېمىلىق يەكۈنلەپ، تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، توغرا يولدا يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يۇقىرى سۈپەتتە ياخشى ئىشلەش كېرەك.جاۋ لېجى خەندەن، شىڭتەي، شىجياجۇاڭ قاتارلىق جايلارغا كېلىپ مەھەللە، كارخانا، يېزا - كەنت ۋە دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە بېرىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئامما بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى پۈتكۈل جەرياندىكى خەلق دېموكراتىيەسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم تۈزۈم ۋاسىتىسى، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە چوقۇم خەلق دېموكراتىيەسىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى قوغداش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى چىقىش نۇقتىسى ۋە مەقسىتى قىلىش كېرەك. «ئىككى ئالاقە» ئارقىلىق ۋەكىللەر خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، ۋەكىللەر ئائىلىسى، ۋەكىللەر پونكىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ۋەكىللەر كەسپىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەكىللەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللايدۇ ۋە كاپالەتلەندۈرىدۇ. خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى مەۋقە قىلىپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئامما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى كۆزلەپ، ئامما بىلەن كۆپرەك پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپرەك كېڭىشىپ، ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن كۆپرەك ھەمكارلىشىپ، كۆپرەك ماسلىشىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خەلق ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلايدىغان كۆۋرۈكىنى ھەقىقىي تۈردە بەرپا قىلىش كېرەك.

  جاۋ لېجى ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئاڭلىق ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتا، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئۈستۈنلىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ياخشى ئايلاندۇرۇش كېرەك. يەكۈنلەش، ۋارىسلىق قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۆستۈرۈش پىرىنسىپى بويىچە، دەۋر قەدىمىگە، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يېڭى پىكىر يولى، يېڭى تەدبىرلىرى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈم، يېڭى تەجرىبىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى مەركەزنى چۆرىدەپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، خىزمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت ئورنىنى توغرا تېپىپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ۋە خەلق ئاممىسى ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇش كېرەك. يەرلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلىرى يەرلىك پارتكوملارنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى زىچ چۆرىدەپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  جاۋ لېجى ئۆلكىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدا سۆھبەت يىغىنى ئاچتى ھەمدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۇ يىل مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، ئېلىمىزدە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنىڭ تارىخىي لوگىكىسى، نەزەرىيە لوگىكىسى، ئەمەلىيەت لوگىكىسىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ۋە شەرھلەپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى قۇرۇلۇشى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە تەتبىقلاپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش، ئۇنى ياخشى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ياخشى يۈرگۈزۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ