سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 14-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7-يىغىنى ئېچىلدى

ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتلىك قىلدى، دىڭ شۆشياڭ دوكلات بەردى

2024.06.06 15:25 مەنبە: خەلق تورى

  سىياسىي كېڭەش 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 7 - يىغىنى 4 - چېسلا چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى، «يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش»نى چۆرىدەپ ھاكىمىيەت ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ تەكلىپكە بىنائەن يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە دوكلات بەردى.

  ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەت سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم ۋەزىپە، ج ك پ 20 - قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشى كېرەك. شى جىنپىڭنىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىشنى زىچ چۆرىدەپ، چوڭقۇر كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش، پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ - قۇۋۋەت قوشۇش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئومۇمىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پىلانلاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مۇھىم كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلەت كاپىتالى ۋە دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىش ئىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش ۋە تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىپ بېرىش كېرەك. مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇشنى تېزلىتىپ، قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەتلىشىش، ئىجتىمائىي ئىناۋەت قاتارلىق بازار ئىگىلىكى ئۇل تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش كېرەك. دۆلەتنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، مالىيە سىياسىتى بىلەن پۇل سىياسىتىنىڭ ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. خەلقئارا ئىقتىساد - سودا قائىدىسىنى تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، خەلقئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە رىقابەتنىڭ يېڭى ئۈستۈنلىكىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئالاقىدار مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ «ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىقنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش»، «سۇچىلىق ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش»، «كەسىپلەرنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش»، «گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن زىچ ھەمكارلىشىپ <بىر بەلباغ، بىر يول> قۇرۇلۇشىغا ئورتاق قاتنىشىش»، «ئەركىن سودىنى يۈكسەلدۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش» قاتارلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتلىرى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

  بۇ قېتىمقى سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئىككى يېرىم كۈن داۋاملىشىدۇ. سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر يەتتە مەخسۇس تېمىنى چۆرىدەپ گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇزاكىرە قىلىدۇ ھەمدە سىن ئارقىلىق لياۋنىڭ، جياڭسۇ، جياڭشى سىياسىي كېڭەشلىرى بىلەن ئالاقىدار مەخسۇس تېمىلارنى چۆرىدەپ بىرلەشمە كېڭىشىش ئېلىپ بارىدۇ.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قوشۇمچە باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار ئالاقىدار قارالمىلار توغرىسىدا ئىزاھات ۋە دوكلات بەردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن خۇ چۈنخۇا، شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، خې خوۋخۇا، لياڭ جېنيىڭ، باتېر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەن خۇي، جياڭ شىنجى، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ