رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى: غەرب دۆلەتلىرى كۆپ خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ زومىگەرلىكىنى قوغدىماقتا
2024.06.11 15:10 مەنبە: خەلق تورى
شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف نىژنىنوۋگورودتا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى زومىگەرلىك ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، قورال كۈچى ئىشلەتكەندىن باشقا يەنە ئىقتىسادىي بېسىم، پۇل مۇئامىلە پوپوزىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسى ۋە ئىقتىسادىي ھەمراھنى تاللىشىغا ئارىلاشتى. بۇنىڭدىن باشقا، يۇگوسلاۋىيە، ئىراق، ئافغانىستان، لىۋىيە، ئۇكرائىنا ۋە باشقا دۆلەتلەر غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھەربىي ۋاسىتىسى تۈپەيلىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، لېكىن بۇ يەنىلا كىچىكلا بىر ئىش.
لاۋروف مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى كۆلىمىنىڭ كېڭىيىشى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش مۇساپىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈلگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ