شى جىنپىڭ ئىسلاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغان توماسدوتتىرغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى

2024.06.06 09:59 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  6 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خادلا توماسدوتتىرغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ ئىسلاندىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو - ئىسلاندىيە مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش، يەر ئىسسىقلىق بايلىقى، مۇھىت قوغداش، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مەن جۇڭگو - ئىسلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان توماسدوتتىر بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو - ئىسلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ