شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئامېرىكا ئاقسارايدا ئامېرىكا، ئارگېنتىنا، ئاۋسترىيە، بىرازىلىيە، بۇلغارىيە، كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ غەززە مەسىلىسى توغرىسىدىكى بىرلەشمە باياناتى ئېلان قىلىندى. پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس)نىڭ ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ئوتتۇرىغا قويغان غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش ۋە تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنى قويۇپ بېرىش كېلىشىمىنى قوبۇل قىلىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېن نۇتقىدا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈپ يولغا قويىدىغان ئۇرۇش توختىتىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، غەززە رايونىدا مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە تۇتۇپ تۇرۇلغانلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى لايىھە بىلەن تەمىنلىدى. بۇ لايىھە قاتار ئارقىلىق پەلەستىننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) گە سۇنۇلدى.
خاماسنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ ئۇنىڭغا تاپشۇرغان ئالاقىدار ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى لايىھەسىنىڭ تېكىستى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدېننىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى ئاشكارا سۆزى بىلەن بىردەك ئەمەس. خاماس پەقەت ئىسرائىلىيە مەڭگۈلۈك ئۇرۇش توختىتىش، بارلىق ئەسكەرلىرىنى چېكىندۈرۈشكە ۋەدە بەرگەن شارائىتتىلا ئاندىن ئىسرائىلىيە تەرەپ بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ئىمزالاشقا قوشۇلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ