خەن جېڭ تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان بىلەن كۆرۈشتى

2024.06.05 16:06 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 6- ئاينىڭ 4- كۈنى بېيجىڭدا تۈركىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى فىدان بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئەردوغاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە ئالماشتۇرۇشى ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. جۇڭگو بىلەن تۈركىيە تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە بازىرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان مۇھىم دۆلەتلەر بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەت ۋە غايەت زور ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە. جۇڭگو تەرەپ تۈركىيە تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئورتاق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو- تۈركىيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. تۈركىيە تەرەپنىڭ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ دۇنياۋى تەشەببۇسنى قوللاپ ۋە ئۇنىڭغا قاتنىشىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ.

  فىدان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۈركىيە تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، تۈركىيەدە جۇڭگونىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويمايدۇ. تۈركىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، تۈركىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ