مۇھىم خەۋەرلەر

ب د ت: كەلگۈسى يېرىم يىلدا دۇنيادىكى نۇرغۇن جايلاردا ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئەھۋالى يەنىمۇ ناچارلىشىدۇ

2024.06.06 15:20 مەنبە: خەلق تورى

  ب د ت ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك تەشكىلاتى بىلەن دۇنيا ئاشلىق-پىلان مەھكىمىسى شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 5-كۈنى بىرلىكتە ئېلان قىلغان «ئاچارچىلىقتا قالغان قىزىق نۇقتا رايونلارنىڭ ئېغىر ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاگاھلاندۇرۇش دوكلاتى»غا ئاساسلانغاندا، كەلگۈسى ئالتە ئايدا سۇدان، مالى، غەززەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 21 دۆلەت ۋە رايوندىكى ئاچارچىلىقتا قالغان 18 «قىزىق نۇقتا» رايوننىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئەھۋالى يەنىمۇ ناچارلىشىدىكەن.

  دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: زوراۋانلىق ۋە توقۇنۇش، تەبىئىي ئاپەت ۋە ئىقتىسادىي خېيىم-خەتەر يەنىلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئاشلىقنىڭ بىخەتەر بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب. بۇنىڭ ئىچىدە غەززە، سۇدان قاتارلىق توقۇنۇش يۈز بېرىۋاتقان رايونلاردا ئاشلىق بىخەتەر بولماسلىق ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر. ھازىر رافادىكى ھەربىي توقۇنۇش داۋاملاشماقتا، ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنىڭ غەززە رايونىغا كىرىشى توسالغۇغا ئۇچرىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 7-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا غەززە رايونىدا يېرىم نوپۇس ئاچارچىلىق ۋە ئۆلۈمگە دۇچ كېلىدىكەن.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ