شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى تەبرىكلەپ مۇنداق تەكىتلىدى

دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنياۋى پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك

دىڭ شۆشياڭ ئاكادېمىكلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2024.06.05 10:23 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  تەبرىك خەت

  جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى پەيتىدە، مەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن سىلەرنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! پۈتۈن ئاكادېمىيەدىكى ئاكادېمىكلار ۋە كەڭ قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللايمەن!

  30 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار ۋە كەڭ قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا قىيىن ئۆتكىلىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىز قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرىلىق فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنياۋى پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2024 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

  جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى پەيتىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خەت ئەۋەتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن قىزغىن تەبرىكلىدى، پۈتۈن ئاكادېمىيەدىكى ئاكادېمىكلار ۋە كەڭ قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 30 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار ۋە كەڭ قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا قىيىن ئۆتكىلىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلىپ، چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشلىرىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم قوراللىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىز قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ ئىجادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور. جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرىلىق فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنياۋى پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى بېيجىڭدا «قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى بۇرچىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش» تېمىسىدا ئاكادېمىكلار سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ يىغىنغا قاتنىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتىنى ئوقۇدى ھەم سۆز قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغان 30 يىلدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكا تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى يارىتىپ، بىرىنچى قاتاردىكى مەسلىھەت بېرىش ۋە تەكلىپ بېرىش جەھەتتە تۆھپە قوشۇپ، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلىم سۇپىسى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ ئىلگىرىلىشىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىيە قۇرۇش ئەسلىي مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شەرەپلىك ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە باشلامچى بولۇشى كېرەك. دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن ـ تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتنى مەھكەم ئىگىلىشى، پەن ـ تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىنى جاسارەت بىلەن ئىگىلىشى كېرەك. قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، زور قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكا مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈپ قوللىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى كېرەك. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، دۆلەتنىڭ جىددىي ئېھتىياجى ۋە ئۇزاق مۇددەتلىك ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، «گالنى بوغىدىغان» تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، تىرىشىپ مۇھىم ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ ئەسلىي ئىجادىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشىدىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، ئىستراتېگىيەلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك زور مەسىلىلەرنى زىچ چۆرىدەپ، ئالدىن كۆرەرلىك، قاراتمىلىق، زاپاس خاراكتېرلىك ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىگە تىرەك بولۇشى كېرەك. دىڭ شۆشياڭ ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىدىكى كەڭ ئاكادېمىكلارنىڭ باشلامچى بولۇپ ئالىملار روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، كىشىلىك ھايات غايىسىنى دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئىشلىرىغا سىڭدۈرۈپ، ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتىنى قەلبىگە چوڭقۇر پۈكۈپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىدە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن پەن ـ تېخنىكا يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ سەمىمىي ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلدى.

  سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ مەسئۇلى ۋە ئاكادېمىكلار ۋەكىللىرى سۆز قىلدى.

  جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى 1994 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى قۇرۇلغان. 30 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى جۇڭگو قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكا ساھەسىدىكى ئەڭ ئالىي ئىلمىي ئاپپارات بولۇشتەك مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا كۈچ توپلاپ، باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى يىغىپ، يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇپ، ئىلمىي يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىر قاتار زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ