دىڭ شۆشياڭ 2024-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى:

ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، «تىنچ-ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى»نىشانىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2024.06.03 14:42 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 6-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ 2024-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى تەكشۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، كەڭ ياش ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەشكىلىي كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى ئىشلەپ، «تىنچ-ئامان ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» نىشانىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  دىڭ شۆشياڭ ئالدى بىلەن بېيجىڭ شەھەرلىك 13-ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھان نۇقتىسىغا كېلىپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سومكا ساقلاش رايونى، ئىمتىھان بېرىشنى كۈتۈش رايونىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئىمتىھان مەيدانىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئىمتىھان بېرىشنى كۈتۈشنى باشقۇرۇش، مۇلازىمەت كاپالىتى ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئىشىكى فۇنكسىيەلىك كۆرسەتمىسىنى تەپسىلىي كۆردى، نازارەت قىلىش-كونترول قىلىش ئۆيى، رادىيو ئۆيى، ئىمتىھان مەيدانى قاتارلىق سورۇنلارغا كىرىپ، نەق مەيداندىكى خىزمەتچى خادىملار بىلەن پاراڭلاشتى. ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق يولداشلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە ئۇلارغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى. دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقانلارنىڭ سانىدا يەنە تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى ئەمەلىيلەشكەن ئۆلكىلەر كۆپ بولدى. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ياتاق، تاماق تازىلىقى، شاۋقۇننى تىزگىنلەش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇنىۋېرسال كاپالەت خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەپ، خاتىرجەم، ئازادە ئىمتىھان مۇھىتى يارىتىپ، مېيىپ ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى مۇۋاپىق قولايلىق بىلەن تەمىنلەپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش، غەمخورلۇق قىلىشنى تولۇق نامايان قىلىپ، ئۇلارنى كەيپىياتىنى ئازادە تۇتۇپ، ئىمتىھانغا بىمالال قاتنىشىپ، ئىمتىھاندا ئەڭ ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىپ، كىشىلىك ھايات ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا ئاچقۇچلۇق بىر قەدەمنى ياخشى ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئارقىدىن، دىڭ شۆشياڭ بېيجىڭ مائارىپ ئىمتىھان ئورنىغا بېرىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى يۆتكەش بىر گەۋدىلەشكەن ساندۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىمتىھان ئىشلىرى تېرمىنالى، قەغەز-قەلەم ئىمتىھانىدا سىكاننېرلاش، ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سىستېمىسى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كۆزدىن كەچۈردى، بېيجىڭ شەھەرلىك دۆلەت مائارىپ ئىمتىھانى ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش سۇپىسىنىڭ كۆرسەتمىسىنى كۆردى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئادىل، ھەققانىي ۋە بىخەتەر بولۇش ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ جان تومۇرى، ئۇنى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى خىزمىتىنىڭ ھەربىر ھالقىسىغىچە سىڭدۈرۈش كېرەك. مەخپىيەتلىكنى ساقلاشنى باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، ئىمتىھان قەغىزىنى تېما چىقىرىش، بېسىش، توشۇش، ساقلاشنىڭ پۈتۈن جەريانىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاپ قويۇش مەسىلىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسۇش كېرەك. ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھاندا كۆز بويامچىلىق قىلىشقا قاتتىق زەربە بېرىپ، كۆچۈرمىچىلىك قىلىش سايمانلىرىنى سېتىش قىلمىشلىرىنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش سۈپەت ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، قوبۇل قىلىش تەرتىپىنى چىڭىتىپ، ئىمتىھاننىڭ ئادىل، تەرتىپنىڭ ئاشكارا، نەتىجىنىڭ ئادىل بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دىڭ شۆشياڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى، ھۆكۈمەتلەردىن ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ چوڭ سىنىقى دەپ بىلىپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، پۇختا تۇتۇپ، ياخشى تۇتۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب قەغىزى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ