شى جىنپىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.06.03 14:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھەم جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگونىڭ مۇھىم ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىزنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىمىزدە، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتى ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، يېڭى مەزگىلدىكى جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقىسى بىلەن كېيىنكىسىنى بىر - بىرىگە باغلاش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتىكى مۇھىم تۈگۈن. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى داۋاملىق مەھكەم ئىگىلەپ، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ باشتىن - ئاخىر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ مۇستەقىل ۋە ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قوللايدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىللە سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىللە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىكلەر كومىتېتى تەسىس قىلىنغانلىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. سودا، ئېنېرگىيە، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، ئۇچۇر تېخنىكىسى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، رەقەملىك ئىقتىساد، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدۇ. قانۇن ئىجرا قىلىش، خەۋپسىزلىك ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدۇ. يېقىندا، مەن ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى جۇڭگو تىل - يېزىقى ئۆگەنگۈچىلەرگە مەخسۇس جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارنى جۇڭگو تىل - يېزىقىنى ياخشى ئۆگىنىپ، جۇڭگونى چۈشىنىپ، جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردۇم. جۇڭگو تەرەپ «100 مەكتەپتە جۇڭگو تىل - يېزىقى ئوقۇتۇش» تۈرىنى داۋاملىق قوللاپ، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىش يۈزلىنىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. كۆپ قۇتۇپلىشىش ماھىيەتتە ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم، ئوخشاش بولمىغان يول ئارىسىدىكى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش بولۇشى كېرەك. ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى دۆلەتلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىدىكى مۇھىم كۈچ. جۇڭگو تەرەپ رايون دۆلەتلىرىنىڭ داۋاملىق تۈردە ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، قەتئىي تۈردە ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، تىنچ يارىشىش يولىدا مېڭىش، ئالاقىلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىستىقبالى، تەقدىرىنى ئۆز قولىدا ئىگىلىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ بىلەن بىللە جۇڭگونىڭ دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى»دىكى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

  مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: ئىككىنچى يۇرتۇم جۇڭگودا يەنە بىر قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىمدىن ھەم رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىللە جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا ئورتاق قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە، ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو مۇناسىۋىتى، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرى خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە تۈپ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو، دېڭىز قولتۇقى ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق كومىتېتىغا ئەزا دۆلەتلەر − جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مۇھەممەد مۇنداق بىلدۈردى: ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئورتاق مەنپەئەت ئاساسىدا ئورنىتىلغان، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى قالتىس سەۋىيەگە يەتتى. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگونى دىپلوماتىيەدە ئەڭ ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدۇ، جۇڭگونى ئۇزاق مەزگىللىك ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھى قىلىدۇ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ئىقتىساد - سودا، سېلىنما، ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكا، مائارىپ، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كېڭەيتىشنى خالايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»گە قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ. ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، پائال قوللايدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا داۋاملىق ئاكتىپ قاتنىشىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىللە كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىپ، ئىنسانپەرۋەرلىككە يات كىرىزىسنى تۈگىتىش. خەلقئارا جەمئىيەت پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىدا بالدۇرراق سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىنىشىنى بىردەك قوللىشى كېرەك. جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىككى تەرەپنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدىكى مەيدانى بىردەك، ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى مەبلەغ سېلىش، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، پەن - تېخنىكا، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىش، جۇڭگو تىل - يېزىقى مائارىپى، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق ساھەلەر توغرىسىدىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مۇھەممەد ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپ تۈزۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى. مۇھەممەد شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا مۇھەممەد ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ