لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويدى

«دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنى جازالاش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2024.05.31 16:34 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقىغا ئىمزا قويۇپ، «دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنى جازالاش نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، 2024-يىل 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. «نىزام» جەمئىي 7 باب 52 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بەلگىلەنگەن.

  بىرىنچى، جازالاش خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنى جازالاش خىزمىتىدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارغا جازا بېرىشتە ئادىل، باراۋەر بولۇش، كوللېكتىپ مۇزاكىرە قىلىپ قارار قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جازالاش بىلەن تەربىيەلەشنى بىرلەشتۈرۈش؛ قانۇن ئىدارە قىلىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پاكىتنى ئاساس، قانۇننى ئۆلچەم قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملار ۋە ئالاقىدار خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك.

  ئىككىنچى، تەتبىقلاش ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. رېۋىزىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ دائىرىسى داۋاملىق قوللىنىلدى. دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنى ۋەزىپىگە تەيىنلەش ۋە ۋەزىپىدىن قالدۇرۇش ئورگانلىرى، ئورۇنلارنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنى قانۇن بويىچە جازالاش بەلگىلەندى. پۇل مۇئامىلە، مەدەنىيەت ساھەسىدە قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش توغرىسىدا دۆلەتنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، بىرلا ۋاقىتتا تەتبىقلىنىدۇ.

  ئۈچىنچى، جازانىڭ تۈرى ۋە تەتبىقلىنىشى قېلىپلاشتۇرۇلدى. ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنى بىلەن بىردەكلىكنى ساقلاش ئاساسىدا، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارغا بېرىلىدىغان جازانىڭ تۈرى ۋە مۇددىتى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»كە ئالاقىدار تەلەپلەر يېنىك ياكى يېنىكلىتىپ جازا بېرىلىدىغان ئەھۋالغا ئايلاندۇرۇلدى.

  تۆتىنچى، دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى. دىققەت دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشىدا ئاسان يۈز بېرىدىغان، كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىنتىزام-قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنىنىڭ 3-بابىدا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار 51 تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ ئەھۋالغا كونكرېتلاشتۇرۇلدى ھەمدە مۇناسىپ جازا ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  بەشىنچى، دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنى جازالاش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، چەكلەش مېخانىزمى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ. جازالاش تەرتىپى ۋە قايتا قاراپ چىقىپ ئەرز قىلىش، ئېغىشنى تۈزىتىش قاتارلىق تۈزۈملەر قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇلۇپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ. جازالاش ھەرىكىتىدىكى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا قارىتا مۇناسىپ قانۇن جاۋابكارلىقى بەلگىلىنىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ