يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىغا ئەۋەتكەن تەبرىك خېتى كەڭ قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنى پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىغا يەنىمۇ ئاتلىنىشقا رىغبەتلەندۈردى

2024.06.05 10:25 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى دۇڭ رۈيفېڭ، جاڭ چۈەن، ۋېن جىڭخۇا

  6 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خەت ئەۋەتىپ، پۈتۈن ئاكادېمىيەدىكى ئاكادېمىكلار ۋە كەڭ قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىگە سەمىمىي سالام يوللىدى، ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنياۋى پەن ـ تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.

  تەبرىك خېتى سەمىمىي غەمخورلۇق ۋە سەمىمىي ئۈمىدكە تولغان بولۇپ، كەڭ قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.

  «باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى ئىنسانلار جەمئىيىتى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور، دەپ كۆرسەتتى، بۇ كەڭ قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىگە بولغان تەقدىرلەش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش.» جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، ئاكادېمىك ۋۇ خېچۈەن مۇنداق دېدى: 30 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى ئاكادېمىكلار ۋە كەڭ قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، پەن ـ تېخنىكا قىيىن ئۆتكىلىگە ئۈزلۈكسىز ھۇجۇم قىلدى، يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى.

  بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى توپلاش، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈش، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان مەسلىھەت ۋە تەكلىپلەرنى بېرىش، بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئىلىم سۇپىسى بەرپا قىلىش، كەڭ ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكلىرى ۋە قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش مۇساپىسىدە تىرىشىپ باشلامچى بولدى.

  «ئاۋىياتسىيە موتورى دۆلەتنىڭ مۇھىم قورالى، دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم ئىپادىسى، ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياساشنى تېزلىتىش قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى.» باش شۇجىنىڭ تەبرىك خېتى جۇڭگو ئاۋىياتسىيە موتورى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، ئاكادېمىك شياڭ چياۋنى ئىنتايىن پەخىرلەندۈردى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاۋىياتسىيە موتورىنى تەتقىق قىلىپ ياساش سېپىدىكى قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېزلىتىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقىپ، تىرىشىپ جۇڭگو ئايروپىلانلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك «جۇڭگو يۈرىكى»نى ئىشلىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

  «دۇنيادىكى ئىلغار سەۋىيەگە توغرىلىنىپ، <جۇڭگو قۇرۇلۇشى> ئاللىبۇرۇن دۇنيا سەھنىسىگە چىقىپ بولدى، لېكىن قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ چېكى يوق.» بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاساسلىق مەيدان ـ سارايلىرىنى لايىھەلەشكە رىياسەتچىلىك قىلغان ئاكادېمىك لى شىڭگاڭ دۆلەتنىڭ بىر قاتار چوڭ ـ چوڭ قۇرۇلۇشلىرىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، نۆۋەتتە باشلامچى بولۇپ تېخىمۇ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، بىخەتەر بولغان «كەلگۈسى تۇرالغۇ»نى تەتقىق قىلىپ لايىھەلىمەكتە، «بىز باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن يۆنىلىش بويىچە، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۈچۈن تىرىشىپ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى يېتىلدۈرىمىز».

  بىيوئۆزەك بېيجىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش تەتقىقات مەركىزىدە، تەجرىبىخانا ئالدىراشلىققا تولغانىدى. مەركەزنىڭ مۇدىرى، چىڭخۇا داشۆ بىيوتېببىي قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ نوپۇزلۇق پىروفېسسورى، ئاكادېمىك چېڭ جىڭ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ، دۆلەتنىڭ چوڭ ـ چوڭ مەخسۇس تۈرىگە تايىنىپ، دۇنيا بويىچە تۇنجى ئىرسىيەتلىك گاسلىق گېنىنى تەكشۈرۈش ئۆزىكىنى تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، تۇغما كەمتۈكلۈكنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تېخىمۇ كۆپ «پەن ـ تېخنىكا ئۆتكۈر قورالى»غا ئىگە قىلدى.

  «خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە، پەقەت نىمكەش ھەتتا زاماننىڭ ئارقىسىدا قالغان پەن ـ تېخنىكىلارغىلا تايىنىۋېلىشقا بولمايدۇ، چوقۇم ئىجادىي خاراكتېرلىك پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلارنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم ئىگىلىشىمىز كېرەك.» كەلگۈسىگە نەزەر سالغاندا، چېڭ جىڭنىڭ ئىشەنچى تولۇپ تاشتى، «خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر يۇغۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى تېخنىكا، ياخشى تېخنىكىلارنى ۋاقتىدا ئىشلىتىش كېرەك».

  «دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن ـ تېخنىكا كۈچى بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش» «دۆلەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئاقىللار ئامبىرىلىق فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىش»... باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئۈمىد جۇڭگو قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

  «دۆلەت ئۈچۈن تېما تاللاش، دۆلەت ئۈچۈن تۈر تۇرغۇزۇش، دۆلەت ئۈچۈن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا چىڭ تۇرىمىز. بىز دۇنيا پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، دىققەتنى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېھتىياجىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكا بويىچە ئىستراتېگىيەلىك مەسلىھەت بېرىش تۈرلىرىنى داۋاملىق تۈردە سىستېمىلىق، قاراتمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، پەن ـ تېخنىكىلىق باھالاش ۋە دەلىللەشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ دۇنيا بويىچە بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان پەن ـ تېخنىكا ئاقىللار ئامبىرىنى قۇرۇپ چىقىمىز» دېدى جۇڭگو ئىنژېنېرلار ئاكادېمىيەسى 2 ـ ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ۋاڭ جېنخەي.

  يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، كەڭ قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرى باتۇرلۇق بىلەن يۇقىرى پەللىگە ئۆرلىمەكتە.

  يېقىندا، جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى گۇرۇھى خۇدۇڭ جۇڭخۇا LNG تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى ۋاڭ لېي كوللېكتىپنى باشلاپ تەتقىق قىلىپ ئاچقان جۇڭگونىڭ 5 ـ ئەۋلاد چوڭ تىپتىكى LNG توشۇش پاراخوتى تۈرى بويىچە تۇنجى ياسالغان «لۈنېڭيىڭ» ناملىق پاراخوت ئوڭۇشلۇق ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان بولۇپ، تېخنىكىلىق ئىقتىدار كۆرسەتكۈچى دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.

  «LNG توشۇش پاراخوتى كېمىسازلىق كەسپىدە <تاجدىكى مەرۋايىت> دەپ تەرىپلەندى، كەلگۈسىدە بىز يەنە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، كېمىسازلىق سانائىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەگە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ كېمىسازلىق چوڭ دۆلىتىدىن كېمىسازلىق كۈچلۈك دۆلىتىگە ئايلىنىشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرىمىز» دېدى ۋاڭ لېي.

  سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىرغا يېتىدىغان CR450 ئوق پويىز گۇرۇپپىسىنىڭ ئەۋرىشكە نۇسخىسىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە پۈتىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، ئۇنىڭغا مۇناسىپ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول لىنىيەسى، كۆۋرۈك، تونېل قاتارلىقلاردىمۇ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، تېخىمۇ تېز بولغان «جۇڭگو سۈرئىتى»نى ئورتاق ئۈستىگە ئالىدۇ.

  «ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، مىنۇت ـ سېكۇنتنىمۇ قولدىن بەرمەيمىز، جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى خەلقئارا تۆمۈريول ساھەسىدە سىجىل باشلامچى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.» بۇ يىلنىڭ بېشىدا شەرەپ بىلەن «دۆلەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېر» نامىغا ئېرىشكەن جۇڭگو تۆمۈريول پەن تەتقىقات ئاكادېمىيەسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى لى پىڭ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ يۈرۈش سۈرئىتى تېخىمۇ تېز، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئەقلىي ئىقتىدارلىق گاۋتيې بەرپا قىلماقتا، بۇ، دۇنيا بويىچە تۆمۈريولنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى جۇڭگو لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىلىم ـ پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەنىۋى تىرەكتىن ئايرىلالمايدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە ئالايىتەن ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى تىلغا ئېلىپ، قۇرۇلۇش پەن ـ تېخنىكىسى خىزمەتچىلىرىنى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى.

  «خەلق قەھرىمانى» دۆلەت شەرىپى نامىغا ئېرىشكەن ئاكادېمىك جاڭ بولى بۇرچىنىڭ شەرەپلىك ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى: «يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىنى نىشانلاپ، ئالىملار روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسى، تېخىمۇ ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن دۆلەتنىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرىغا ئاتلىنىپ، ئىلمىي ماقالىمىزنى ۋەتىنىمىزنىڭ كەڭ زېمىنىغا يېزىشىمىز كېرەك».
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ