شى جىنپىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى

2024.06.03 11:09 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ خەيتاۋ فوتوسى

  5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ بەھرەيىن پادىشاھى خاماد، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، تۇنىس زۇڭتۇڭى سەيىد، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گېيت ھەم 22 ئەرەب دۆلەتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى بىلەن كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق جاكارلىدى: جۇڭگو تەرەپ 2026 - يىلى جۇڭگودا 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «بەش چوڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسى» بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  ياز كىرىپ بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى. دياۋيۈتەي فاڭخۇايۈەندە، جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت بايراقلىرى ھەم ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ بايرىقى بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇپ تۇراتتى.

  شى جىنپىڭ بەھرەيىن پادىشاھى خاماد، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، تۇنىس زۇڭتۇڭى سەيىد، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گېيت ھەم 22 ئەرەب دۆلەتلىرى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقلىرى بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەم كوللېكتىپ سۈرەتكە چۈشتى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ «ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە خەلقلىرى بىلەن بولغان دوستلۇقى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى دوستانە بېرىش - كېلىشتىن، مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ قىلغان كۈرەشلىرىدىن، دۆلەت قۇرۇلۇشى مۇساپىسىدىكى ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتىن كەلگەن. يېڭى ئەسىرگە كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. 2022 - يىلى 12 - ئايدا، مەن سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىيادتا تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتىم، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ ھالقىما تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ 2026 - يىلى جۇڭگودا 2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، بۇنىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىدىكى يەنە بىر ئابىدە بولۇپ قالىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىۋاتىدۇ. جۇڭگو ۋە ئەرەب دۆلەتلىرى ئۆزلىرىنىڭ مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئالغان. جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش بىزنىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىش، گۈزەل دۇنيانىڭ يېڭى كەلگۈسىنى يارىتىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئارزۇيىمىزنى نامايان قىلدى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، كەڭ قورساق بولۇپ ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، زىچ ھەمكارلىشىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ ئۆلچەم خادىسى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ ئۆرنىكى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ نەمۇنىسى، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش توغرا يولى ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ ياخشى ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، مەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى «سەككىز چوڭ ئورتاق ھەرىكەت»تە مۇھىم دەسلەپكى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنى ئاساس قىلىپ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن «بەش چوڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسى» بەرپا قىلىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  بىرىنچى، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە تولغان يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئەندىزىسى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن ھاياتلىق ساغلاملىقى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇش، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، بوشلۇق ئۇچۇرى قاتارلىق ساھەلەردە ئون بىرلەشمە تەجرىبىخانىنى ئورتاق قۇرىدۇ؛ سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا كۈچ قوشۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ ئورتاق تونۇشقا ئىگە يەرشارىۋى سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ بوشلۇقتىكى پارچە جىسىملارنى بىرلەشمە كۆزىتىش مەركىزى، بېيدوۋنى ئەمەلىي قوللىنىش ھەمكارلىقى تەرەققىيات مەركىزىنى ئورتاق قۇرۇپ، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى، پۇقراۋى يولۇچىلار ئايروپىلانى قاتارلىق جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدۇ.

  ئىككىنچى، تېخىمۇ كۆلەملەشكەن مەبلەغ سېلىش، پۇل مۇئامىلە ئەندىزىسى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرى تەسىس قىلىپ، ئىككى تەرەپ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىگە مەدەت بېرىشنى خالايدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بانكا ئاپپاراتلىرىنىڭ خەلق پۇلى چېگرا ھالقىپ چىقىم قىلىش راسچوت سىستېمىسىغا قاتنىشىپ، مەركىزىي بانكا رەقەملىك پۇل ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى قارشى ئالىدۇ.

  ئۈچىنچى، تېخىمۇ ئىستېرېئولۇق ئېنېرگىيە ھەمكارلىق ئەندىزىسى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن نېفىت - تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش ۋە جابدۇق ئىشلەپچىقىرىشنى بىرلىكتە قانات يايدۇرىدۇ. جۇڭگو ئېنېرگىيە كارخانىلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىدە ھاسىلىي ئېنېرگىيە تۈرىگە قاتنىشىشىنى قوللايدۇ.

  تۆتىنچى، تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان ئىقتىساد - سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئەندىزىسى. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەققىيات ھەمكارلىق تۈرىنى يولغا قويۇشقا پائال تۈرتكە بولۇپ، ئىككى تەرەپ ۋە رايون ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى تېزلىتىدۇ، ئېلېكتىرونلۇق سودا ھەمكارلىق سۆھبىتى مېخانىزمى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە ئاكتىپ قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ، ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپتىن ئېنېرگىيە تۈرىدىن باشقا مەھسۇلاتلار، بولۇپمۇ يېزا ئىگىلىك يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ.

  بەشىنچى، تېخىمۇ كەڭ ئۆلچەمدىكى ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالاقە ئەندىزىسى. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ بىلەن «يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى جۇڭگو − ئەرەب مەركىزى» تەسىس قىلىپ، ئاقىللار ئامبىرى ئىتتىپاقى، ياشلار تەرەققىيات مۇنبىرى، داشۆ ئىتتىپاقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ھەمكارلىق تەتقىقات مەركىزى قاتارلىق سۇپا قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ھەر يىلى ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپتىن 200 نەپەر سىياسىي پارتىيە رەھبىرىنى جۇڭگودا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىدۇ، كەلگۈسى بەش يىلدا 10 مىليون ساياھەتچىنىڭ ئۆزئارا زىيارەتتە بولۇشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئوتتۇرا شەرق بىر پارچە تەرەققىيات مۇنبەت تۇپرىقى، لېكىن بۇ تۇپراقتا ئۇرۇش ئوتى يەنىلا داۋاملاشماقتا. ئۇرۇشنى يەنە چەكسىز داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايدۇ، ھەققانىيەتمۇ مەڭگۈ كەم بولۇۋەرسە بولمايدۇ، «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»دىن خالىغانچە تەۋرىنىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ 1967 - يىلىدىكى چېگرانى ئاساس قىلغان، شەرقىي يېرۇسالىمنى پايتەخت قىلغان، تولۇق ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە مۇستەقىل پەلەستىن دۆلىتى قۇرۇشنى قەتئىي قوللايدۇ، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قوللايدۇ، تېخىمۇ كەڭ كۆلەملىك، تېخىمۇ نوپۇزلۇق، تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈملۈك خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە غەززەدىكى ئىنسانپەرۋەرلىككە يات كىرىزىسنى تۈگىتىش ۋە ئۇرۇشتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇشنى مەدەت ۋە جىددىي ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئەرەب ماقال - تەمسىللىرىدە دوست تۇرمۇشتىكى قۇياش نۇرى، دېيىلگەن. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق ئەرەب دوستلار بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىپ كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش داغدام يولىنى قۇياش نۇرىغا چۆمدۈرىدۇ!

  بەھرەيىن پادىشاھى خاماد، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، تۇنىس زۇڭتۇڭى سەيىد، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەد، ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى گېيت ئايرىم - ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى. ئۇلار بىردەك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان، ئەرەب دۆلەتلىرى جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىجابىي نەتىجىلەرگە يۈكسەك باھا بېرىپ مۇنداق بىلدۈردى: ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە جۇڭگو خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، بۇ، تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق خەلقئارا يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. ئەرەب دۆلەتلىرى تەرەپ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگونىڭ ھازىرقى ۋە كەلگۈسى دۇنيادا جارى قىلدۇرىدىغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن ئەرەب دۆلەتلىرى − جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  رەھبەرلەر بىردەك جۇڭگونىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە چىڭ تۇرغان ئادىل، ھەققانىي مەيدانىنى يۈكسەك ئالقىشلاپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ بىلەن زىچ ھەمكارلىشىپ، غەززە رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەت ۋە ئىنسانپەرۋەرلىككە يات كىرىزىسنى تۈگىتىشكە تۈرتكە بولۇپ، پەلەستىن خەلقىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىشنى خالايدۇ.

  سەي چى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  ۋاڭ يى ئېچىلىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ