خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پەلەستىننىڭ ب د ت دا دائىمىي تۇرۇشلۇق كۈزەتكۈچىسى رىياد مەنسۇر يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا «پەلەستىن خەلقى جۇڭگونىڭ پەلەستىننىڭ ھەققانىيەت ئىشلىرىنى ئىزچىل قوللىغانلىقىغا، بولۇپمۇ پەلەستىننىڭ ب د ت غا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ» دېدى.
ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە جۇڭگو ئالاقىدار قارارلاردا ئىزچىل ئاۋاز بېرىپ قوللاپ كەلدى، مەيدانى مۇستەھكەم بولدى. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى، پەلەستىن خەلقى جۇڭگونىڭ قوللىغانلىقىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىدۇ.
مەنسۇر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەر ب د ت نىڭ نازارىتى ئاستىدا، خەلقئارا قانۇن، ب د ت نىڭ ئالاقىدار قارارلىرى ھەمدە «ئەرەب تىنچلىق تەشەببۇسى» ئاساسىدا خەلقئارا تىنچلىق يىغىنى ئېچىشنى قوللايدۇ. «جۇڭگو ب د ت يىغىنىدا پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ رەسمىي ئەزا دۆلىتىگە ئايلىنىشىنى قوللىغان ئاساسلىق دۆلەتلەرنىڭ بىرى. جۇڭگو ئىزچىل تۈردە پەلەستىن خەلقىنىڭ تولۇق دىپلوماتىيە، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھوقۇققا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى».
كۆپ يىللاردىن بۇيان، پەلەستىننىڭ دۆلەت قۇرۇش مۇساپىسى توسالغۇغا ئۇچرىدى، ئەمما پەلەستىن بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كەڭ ئېتىراپ قىلىندى. مەنسۇر بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: ئامېرىكا پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇش مەسىلىسىدە ئىنكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، بىراق يېقىندا يەنە نۇرغۇن دۆلەتلەر پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى توسقۇنلۇق قىلغۇچى تەرەپكە بولغان بېسىمنى كۈچەيتتى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پەلەستىننىڭ ب د ت نىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشى «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» ئاساسىدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىپ، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشقا پايدىلىق.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ