شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 14 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك

2024.05.30 10:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن كېيىن يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا 14 - قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ يېڭى ئورۇن بېكىتمىسى، يېڭى بۇرچى. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەمگەكچىلەر ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلىشىش، بازارنىڭ تەڭشىشى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش، ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھام بېرىش فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتا سۈپەتنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارنى مۇۋاپىق كۆپەيتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  جۇڭگو ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىلمىي تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، تەتقىقاتچى مو رۇڭ بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈردى، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم مۇھاكىمە قىلدى.

  شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇھاكىمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەڭ ئاساسىي خەلق تۇرمۇشى، خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك بېسىم، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، شەھەر - بازارلاردا يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 13 مىليون كىشىنى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە ئىقتىسادنى راۋاجلاندۇرۇشنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى. ئەمەلىيەت داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنىڭ قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، نۇرغۇن تەجرىبىلەر توپلاندى. ئاساسلىقى: ئىشقا ئورۇنلىشىشنى خەلق تۇرمۇشىنىڭ ئاساسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ تەرەققىياتقا تايىنىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى كېڭەيتىشنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش؛ نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئىناق ئەمگەك مۇناسىۋىتى ئورنىتىشتا چىڭ تۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ تەجرىبىلەر ئىنتايىن قىممەتلىك، ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش ھەم ئۈزلۈكسىز بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قەتئىي تەۋرەنمەي يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى ئالدىن نىشان قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جەريانىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، سىغىمىنى كېڭەيتىش جەريانىغا ئايلاندۇرۇپ، تەرەققىياتنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىپ ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇپ ۋە بەرپا قىلىپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىش ئورنى يارىتىش كېرەك. قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان كەسىپ ۋە كارخانىلارنى قوللاپ ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىغىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىغا ئاساسەن، يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى كەسىپ تۈرلىرىنى پائال قېزىپ، يېتىلدۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىنى ئېچىش كېرەك. مۇھىم سىياسەتلەر، چوڭ - چوڭ تۈرلەر، مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشقا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاشنى كۈچەيتىپ، مالىيە، پۇل، سېلىنما، ئىستېمال، كەسىپ، رايون قاتارلىق جەھەتلەردىكى سىياسەتلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى بىلەن ماس ھەمتۈرتكە بولۇشى، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ دوستانە بولۇش تىپىدىكى تەرەققىيات شەكلىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ساپاسى ياخشى، ئومۇمىي مىقدارى يېتەرلىك، قۇرۇلمىسى ئەلا، تارقىلىشى مۇۋاپىق بولغان زامانىۋىلاشقان ئادەم كۈچى بايلىقىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئادەم كۈچى بايلىقى جەھەتتىكى تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ماس كەلمەسلىكتەك بۇ قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش زىددىيىتىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن - تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، ئادەم كۈچى بايلىقىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئىلمىي ھۆكۈم قىلىپ، مائارىپ، تەربىيەلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، ئالىي مائارىپتىكى كەسىپلەر ۋە بايلىق قۇرۇلمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشنى جانلىق تەڭشەپ، كەسپىي مائارىپنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئۆمۈرلۈك كەسپىي ماھارەت تەربىيەسى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج ئۇدۇللىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنى ماس كېلىش، ئادەم ئىشلىتىشتە ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇش، ھەر كىم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەشۋىق - تەربىيەنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەمئىيەتنى توغرا بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، كەسىپ تاللاش يېڭى قارىشى ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشتا يېڭى مەنزىل ئېچىشقا يېتەكلەش كېرەك. بەزى ساھەلەردە ئىشلەيدىغان ئادەم كەمچىل بولۇشنىڭ سەۋەبىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، ئىشنى «قىلىدىغان ئىش بار، ئىشلەيدىغان ئادەم يوق» بولۇشنى ھەل قىلىشتىن باشلاپ، «ئىشلەيدىغان ئادەم بار، قىلىدىغان ئىش يوق» بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مەدەت بېرىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلار توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگەنگەنلىرىنى، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، ياشلارنى نۇقتىلىق ساھە، نۇقتىلىق كەسىپلەر، شەھەر - يېزىلاردىكى ئاساسىي قاتلام ۋە ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا ئاتلىنىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلىشىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش ۋە يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا بىرلەشتۈرۈپ، سىرتقا چىقىپ ئىشقا ئورۇنلىشىش بىلەن ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا چىققان ئىختىساسلىقلارنى يۇرتىغا قايتىشقا، شەھەرلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېزىلارغا بېرىپ ئىگىلىك تىكلەشكە يېتەكلەش كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئاھالىنىڭ ئىشلەمچىلىك كۆلىمى ۋە ئىشلەمچىلىك كىرىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئىشسىزلىق سەۋەبىدىن كۆلەملىك قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. يېشى چوڭىيىپ قالغانلار، مېيىپلەر، بىرقەدەر ئۇزاق ۋاقىت ئىشسىز قالغانلار قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى قىيىن بولغان كىشىلەر توپىغا يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورۇنلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەرنى ھەرىكەت ھالىتىدە نۆللەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، ئاياللار قاتارلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈلمە - مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك. ئىگىلىك تىكلەش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تۈرتكە بولۇش كاپالەت تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بىرتۇتاش قېلىپلاشقان ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى بەرپا قىلىپ، ھەممە كىشىنى ئىجتىھات بىلەن تىرىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ئەمگەككە دائىر قانۇن - نىزاملارنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنىڭ ئەمگەك ئاساسىي ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش كېرەك. جانلىق ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە يېڭىچە ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىدىكى ئەمگەكچىلەرنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي زەخىم كاپالىتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى كېڭەيتىپ، تەجرىبىلەرنى ۋاقتىدا يەكۈنلەش، تۈزۈم شەكىللەندۈرۈش كېرەك. بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ۋە ئەمگەك كاپالىتى بويىچە مەمۇرىي تەپتىش قىلىش قانۇن ئىجراسىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى كەمسىتىش، ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش، سۇغۇرتا ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش، قانۇنغا خىلاپ ھالدا خادىم قىسقارتىش قاتارلىق قالايمىقان ئەھۋاللارنى ئۈنۈملۈك تۈزەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ ئاخىرىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە تۇتۇپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم - مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى ئاشۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش نەزەرىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ساھەسىدىكى خەلقئارا سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ