لى چياڭ گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارغا چارە كۆرۈش نىزامى»نى ئېلان قىلدى

2024.05.29 13:51 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ يېقىندا گوۋۇيۈەن بۇيرۇقى ئىمزالاپ، «دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارغا چارە كۆرۈش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2024ـ يىلى 9ـ ئاينىڭ 1ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  «نىزام» جەمئىي يەتتە باب، 52 ماددا بولۇپ، ئاساسلىقى تۆۋەندىكى مەزمۇنلار بەلگىلەندى. بىرىنچى، چارە كۆرۈش خىزمىتىنىڭ پىرىنسىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارغا چارە كۆرۈش خىزمىتىدە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، كادىرلارنى پارتىيە باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش. ئىككىنچى، تەتبىقلاش ئوبيېكتىنىڭ دائىرىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. رېۋىزىيە قانۇنىنى يولغا قويۇش نىزامىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ دائىرىسىنى داۋاملىق قوللىنىش. ئۈچىنچى، چارە كۆرۈشنىڭ تۈرى ۋە تەتبىقلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش. قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش. تۆتىنچى، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈش. دىققەتنى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇشىدا ئاسان يۈز بېرىدىغان، كۆپ يۈز بېرىدىغان ئىنتىزامغا، قانۇنغا خىلاپ مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت خادىملىرىغا مەمۇرىي جازا بېرىش قانۇنىدا بەلگىلەنگەن ئالاقىدار قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى 51 تۈرلۈك قانۇنغا خىلاپ ئەھۋالغا كونكرېتلاشتۇرۇش ھەمدە مۇناسىپ چارە كۆرۈشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش. بەشىنچى، دۆلەت كارخانىلىرىدىكى باشقۇرغۇچى خادىملارغا چارە كۆرۈش خىزمىتىنى نازارەت قىلىش، چەكلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ