شى جىنپىڭ «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2024.05.31 10:47 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلار ۋە ھەرقايسى جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يەڭدى، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» قۇرۇلۇشىنىڭ نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، يېزا تاشيولى پۇقرالارنىڭ ئىشىكى ئالدىدىكى بېيىش يولى، بەخت يولى، قەلبداشلىق يولى، گۈللىنىش يولىغا ئايلاندى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، سىياسەت ۋە قانۇن - نىزاملارنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يېزا تاشيولىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى ياخشى يولغا قويۇپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشۇپ، دېھقانلار ۋە يېزىلارنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  2024 - يىللىق «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش نەق مەيدان يىغىنى 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جېجياڭ شاۋشىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى. خې لىفېڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە «تۆتتە ياخشى يېزا يولى»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يېقىنقى، ئوتتۇرا مەزگىلدىكى نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يول تورى سۈپىتىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، باشقۇرۇش، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، يۈرۈشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يول بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىلمىي پىلانلاپ، سىجىل كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، «تۆتتە ياخشى يېزا يولى» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك.

  قاتناش - تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى - يېزا مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، جېجياڭ ئۆلكىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى، فۇجيەن ئۆلكىسى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى، گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ