دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو - چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

2024.05.29 13:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو - چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى دېڭ لى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم سوئالغا جاۋاب بەردى.

  دېڭ لى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىدۇ، كونكرېت تەدبىرلەر تەتقىق قىلىنىدۇ. يىغىندا كۆپلىگەن نەتىجە ھۆججەتلىرىنى ماقۇللاپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق ھەمكارلىقنى پىلانلاش ھەم پەلەستىن مەسىلىسى توغرىسىدا جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئورتاق ساداسىنى ياڭرىتىش پىلانلاندى. 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كېلىدىغان بەھرەيىن پادىشاھى خاماد، مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى، تۇنىس زۇڭتۇڭى سەيىد، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى زۇڭتۇڭى مۇھەممەدتىن ئىبارەت تۆت ئەرەب دۆلىتىنىڭ دۆلەت باشلىقى بىلەن بىرلىكتە باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىدۇ. بۇ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش ئورتاق ئارزۇسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

  دېڭ لى مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 20 يىلدىن بۇيان نەتىجىلەر كۆرۈنەرلىك بولدى، ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇقىدا كۆپ جەھەتتە مۇھىم نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگونىڭ كۆپلىگەن ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى «ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»دىن «ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى»گە تەرەققىي قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا «ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى»گە كۆتۈرۈلۈپ، ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى قېتىم مۇنبەرنىڭ مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتنىشىپ، تۆت قېتىم ئەرەب دۆلەتلىرىگە يۈزلىنىپ مۇھىم سىياسەتلەرنى جاكارلاپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزئارا ئىشىنىشى، ھەمكارلىشىشى ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ بەردى. 2022 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى باشلىقلار يىغىنىدا، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپ يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەرەققىي قىلىدىغان يېڭى دەۋرگە چوڭ قەدەم تاشلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەم ئاساسىي مەقسەت سۆزى قىلىپ، «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، باراۋەر بولۇش - ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش - ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش»تىن ئىبارەت جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق روھىنى تاۋلاپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يولى، يۆنىلىشىنى پىلانلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى يەنىمۇ بېيىدى، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

  دېڭ لى مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ھەممىسى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم ئەزاسى، بىردەك خەلقئارا جەمئىيەتتىكى مۇھىم كۈچ بولۇپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۆلەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتىن ئىبارەت ئورتاق تارىخىي بۇرچنى زىممىسىگە ئالغان. جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى تەرەپ خەلقلىرىگە بەخت يارىتىدۇ، يەنە ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكىمۇ پايدىلىق بولۇپ، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا مۇقىملىق بېغىشلايدۇ. جۇڭگو داۋاملىق تۈردە ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى نىشان قىلىپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى دوستلۇق روھىغا ئەمەل قىلىپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش رامكىسىدا ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا شانلىق نەتىجىلەرنى بىرلىكتە يارىتىپ، قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ خەلقئارا تەرتىپنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ كوللېكتىپ ھەمكارلىق ئۈلگىسىنى يارىتىدۇ.

  دېڭ لى يەنە جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى ۋە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدا سوئاللارغا جاۋاب بەردى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ