لى چياڭ 9-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى

جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مۇساپىسىنى ئېچىپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشايلى

2024.05.28 09:57 مەنبە: خەلق تورى

  شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ سېئولدا كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن بىرلىكتە 9-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پاڭ شىڭلېي فوتوسى

  شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ سېئولدا كورېيە زۇڭتۇڭى يىن شىيۆ، ياپونىيە باش ۋەزىرى ئەنتيەن ۋېنشيۇڭ بىلەن بىرلىكتە 9- قېتىملىق جۇڭگو- ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتناشتى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىق ئەسلىي مەقسىتىنى چىڭ ساقلاپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىقىنىڭ قايتا باشلىنىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، سۈرئەتنى تېزلىتىپ، ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، رايوننىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  لى چياڭ جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى: بىرىنچى، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك قايتا باشلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەمكارلىق زاپىسىنى تولۇق جانلاندۇرۇپ، ئېشىش مىقدارىنى پۇختا قەدەم بىلەن يېتىلدۈرۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرسەك. ئىككىنچى، ئىقتىساد-سودا ئالاقىسىنى ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىنى قوغداپ، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرسەك ھەم تاماملىساق. ئۈچىنچى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتسەك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگودا «جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىق مەركىزى» قۇرۇپ، ئۈچ دۆلەتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى تېز يېتىلدۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئۈچ دۆلەت خەلقىنىڭ «قوشنا»دىن «قەلبى تۇتاش»قا ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرسەك. بەشىنچى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ياشانغانلارنىڭ كۆپىيىشى ۋە تارقىلىشچان كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۆپ «جۇڭگو ياپونىيە كورېيە + X» ھەمكارلىق تۈرىنى قېزىپ چىقساق ۋە قانات يايدۇرساق.

  لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتى داۋاملىق جىددىي، ھەرقايسى تەرەپلەر ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە كۈچ چىقىرىپ، سۆھبەتنى بالدۇرراق قايتا باشلاپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىق رايون دۆلەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىغا پائال ماسلىشىپ، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيەنىڭ (3 + 10) ھەمكارلىق ۋەزىيىتىنى قول تۇتۇشۇپ جانلاندۇرۇش كېرەك. جۇڭگو كورېيە، ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى بىرلىكتە قوغداشنى خالايدۇ.

  كورېيە، ياپونىيە رەھبەرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە-ياپونىيە-جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ تۆت يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن قايتا باشلىنىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۈچ دۆلەتنىڭ بۇ قېتىمقى رەھبەرلەر يىغىنىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ھەمكارلىقنىڭ مۇقىملىقى ۋە سىجىللىقىنى ساقلاپ، ئادىمىيەت، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، ئىقتىساد-سودا، ئاممىۋى سەھىيە، پەن-تېخنىكا، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئالتە چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كورېيە-ياپونىيە-جۇڭگو ئەركىن سودا كېلىشىمى سۆھبىتىنى قايتا باشلاپ، شەرقىي ئاسىيا رايونى ھەمكارلىقىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى مەسىلىلەرگە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، كورېيە-ياپونىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئۈچ دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  يىغىندىن كېيىن ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلىكتە مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشتى.

  لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: يېڭى خىرىس، يېڭى پۇرسەت ئالدىدا، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىقىدا يېڭى مەسئۇلىيەت، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. جۇڭگو بۇ قېتىمقى رەھبەرلەر يىغىنىنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، كورېيە، ياپونىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىقىنى مۇقىم، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  ئۈچ تەرەپ «9-قېتىملىق جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنى بىرلەشمە خىتابنامىسى»، «جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ھەمكارلىقىنىڭ 10 يىللىق مەنزىلى بىرلەشمە باياناتى»، «كەلگۈسىدە كەڭ تارقىلىشچان كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەييارلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدىكى بىرلەشمە بايانات»نى ئېلان قىلىپ، 8-قېتىملىق رەھبەرلەر يىغىنىدا ماقۇللانغان «جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ھەمكارلىقىنىڭ كەلگۈسى 10 يىلىغا نەزەر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىپ، جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە ئۈچ دۆلەت ھەمكارلىقىنى مېخانىزملاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە قاتارلىق كۆپ تەرەپ رامكىسى ئىچىدە زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغداشقا بىردەك قوشۇلدى. ئۈچ تەرەپ 2025-يىلىدىن 2026-يىلىغىچە بولغان ۋاقىتنى جۇڭگو-ياپونىيە-كورېيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى قىلىپ بېكىتىشكە قوشۇلدى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ