شى جىنپىڭ مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.05.31 10:45 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ سېسى بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن مىسىر زۇڭتۇڭى سېسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 68 يىل ئىلگىرى، مىسىر ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدە ھەممىدىن بۇرۇن يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىگە ئىشىنىپ، سەمىمىي ھەمكارلىشىپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن مىسىر ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 10 يىلدىن بۇيان، مەن زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق. جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتى جۇڭگونىڭ ئەرەب دۆلەتلىرى، ئافرىقا دۆلەتلىرى، ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ نەپ ئېلىشنىڭ جانلىق كۆرۈنۈشى بولۇپ قالدى. يېڭى ۋەزىيەتتە، تېخىمۇ ئىچكى خاس مەزمۇنغا، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن ئۈزلۈكسىز تۈردە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋرگە يۈزلەنگەن جۇڭگو - مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، رايون ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى تارىخىي پۇرسەتكە يۈزلەندى. ئىككى تەرەپ داۋاملىق بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپ بىلەن ئۇل ئەسلىھە، سانائەت، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق ئەنئەنىۋى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى چوڭقۇر قېزىپ، داۋالاش - ساقلىقنى ساقلاش، ئۇچۇر ئالاقىسى، ھاسىلىي ئېنېرگىيە قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئېچىپ، ئىقتىساد - سودا، مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنى مىسىرغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشنى خالايدۇ. بۇ يىللىق «جۇڭگو - مىسىر ھەمراھلىق يىلى»نى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى كېڭەيتىپ، مىسىردىكى «لۇبەن ھۈنەرخانىسى»نى جۇڭگو - ئافرىقا كەسپىي مائارىپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ مىسىرنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى تەشەببۇس قىلىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىق ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. بۇ يىل جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ مىسىر ۋە باشقا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ياخشى قۇرۇپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو - ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپمۇ مىسىر قاتارلىق جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ ئافرىقا تەرەپ ئەزالىرى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ يۇقىرى سەۋىيەلىك جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  سېسى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغانلىقىمدىن ھەم جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 10 - نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ھازىر دۇنيا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئوتتۇرا شەرق رايونى كىرىزىسقا چوڭقۇر پېتىپ قالدى. مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىرىشىپ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ. مىسىر تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تەيۋەنگە ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق يادرولۇق مەنپەئەت مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ، جۇڭگونىڭ دۆلەتنىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. مىسىر تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ مىسىرغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىپ، مىسىرنىڭ ياسىمىچىلىق تەرەققىياتى ۋە سانائەتلەشتۈرۈش مۇساپىسىگە كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ. بۇ يىلقى «مىسىر - جۇڭگو ھەمراھلىق يىلى»نى پۇرسەت بىلىپ، ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇچۇر، ئالاقە، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، يېڭى ئېنېرگىيە، ئاشلىق بىخەتەرلىكى، پۇل مۇئامىلە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مىسىر تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار يەرشارىۋى تەشەببۇسلارنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى، ئالغا بېسىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ئىككى تەرەپ يەنە پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ نۆۋەتلىك پەلەستىن - ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پەلەستىندىكى نۇرغۇن بىگۇناھ پۇقرانىڭ ئۆلۈش - يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، غەززەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىيىتى ئىنتايىن كەسكىن، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا چوڭقۇر ئېچىنىدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش دەرھال ئۇرۇش توختىتىپ توقۇنۇشنى تۈگىتىپ، توقۇنۇشنىڭ سىرتقا كېڭىيىپ رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىپ، تېخىمۇ ئېغىر ئىنسانپەرۋەرلىككە يات كىرىزىسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت. «ئىككى دۆلەت لايىھەسى» پەلەستىن مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى. جۇڭگو تەرەپ پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مىسىر تەرەپنىڭ ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى يولغا قويۇشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، مىسىر تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، داۋاملىق تۈردە غەززەدىكى ئاممىنى قۇربىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، پەلەستىن مەسىلىسىنىڭ بالدۇرراق ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاق مەزگىللىك ھەل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سېسى مۇنداق بىلدۈردى: مىسىر تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ پەلەستىن مەسىلىسىدە باشتىن - ئاخىر ئادىللىقنى ياقلاپ، ھەققانىي مەيداندا چىڭ تۇرغانلىقىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، غەززە رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى تېزدىن پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى ھەمكارلىق يىرىك پىلانى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق، كارانتىن قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئەرەب مىسىر جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى سىرتىدىكى مەيداندا سېسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  سېسى يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - مىسىر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. سېسى شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا، سېسى ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ