شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى

2024.05.31 10:42 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى قاتارلىقلار بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا مەملىكەتلىك گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى ۋە ئۇلاردىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى كەڭ گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى، ياردەمچى ساقچىلارنى گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرىدىن لى چياڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

  چۈشتىن كېيىن سائەت 4تە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار خەلق سارىيىنىڭ غەربىي زالىغا كەلدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر ئارىسىغا كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ئارىلاپ پاراڭلاشتى ھەم خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  چېن ۋېنچىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم 5 - ئاينىڭ 29 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن ئېچىلغان مەملىكەتلىك گۇڭئەن خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسى، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى گۇڭئەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدىكى گۇڭئەن خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى مەھكەم ئىگىلەش كېرەك؛ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان گۇڭئەن پولات قوشۇنىنى كۈچەپ تاۋلاپ چىقىش كېرەك؛ ۋەزىپە - مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خەۋپسىزلىككە كاپالەتلىك قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك؛ قانۇنچىل گۇڭئەن قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتى، ئۈنۈمى ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ئىناۋىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ساقچى قوشۇنىنى ئىسلاھات ئارقىلىق كۈچەيتىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، گۇڭئەن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىش كېرەك.

  لى گەنجيې، ۋۇ جېڭلۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، ۋاڭ شياۋخۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى، ھەرقايسى ئۆلكىلەرنىڭ مەركىزىي شەھەرلىرىدىكى پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتى، گۇڭئەن نازارىتى (ئىدارىسى)دىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ