شى جىنپىڭ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى زۇڭتۇڭى ئوبىئاڭ بىلەن سۆھبەتلەشتى

2024.05.30 10:02 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى زۇڭتۇڭى ئوبىئاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ئوبىئاڭ ۋە رەپىقىسى كونستانسىيا بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشتى.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  5 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى زۇڭتۇڭى ئوبىئاڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى بىر - بىرىگە سەمىمىي مۇئامىلە قىلىدىغان ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھلار، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە بىر - بىرىنى قەتئىي قوللىدى، بۇ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ سەمىمىي دوستانە ئۆتۈشى، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشىدىكى جانلىق كۆرۈنۈشكە ئايلاندى. يېڭى ۋەزىيەتتە، جۇڭگو - ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى مۇناسىۋىتىنى ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇش ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تۈپ مەنپەئىتى ھەم ئورتاق ئارزۇسىغا ئۇيغۇن. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىقىنى قوغدىشى، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا قارشى تۇرۇشى، ئۆز دۆلىتىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە ئۆز ئالدىغا ئىزدىنىشىنى قەتئىي قوللاپ، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى بىلەن بىرلىكتە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى قاتلام دەرىجىلىكلەرنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىغا ئۇزاق مەزگىللىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ۋە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ، جۇڭگو -ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ «2035 - يىل دۆلەت ئىقتىسادى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتى يىرىك پىلانى» بىلەن زىچ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەمەلىي كۈچى بار جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى بىلەن يېزا ئىگىلىكى، يېزا ساھەسىدىكى تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسى بويىچە ياردەم بېرىش تۈرلىرىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇشنى، جۇڭگو داۋالاش ئەترىتى، جۇڭگو - ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى دوستلۇق دوختۇرخانىسى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، داۋالاش - ساقلىق ساقلاش، مائارىپ، مەدەنىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇق مەشئىلىنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا دۇچ كەلدى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. جۇڭگو تەرەپ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى قاتارلىق كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خەلقئارا ئىشلاردا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگو دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ مۇھىم ئۇل تېشى. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقا تەرەپ بىلەن يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى يەنىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كەلگۈسى تەرەققىيات، ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىپ، جۇڭگو - ئافرىقا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئېچىشنى خالايدۇ.

  ئوبىئاڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇلۇغ شەرق دۆلىتى، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ ياخشى قېرىندىشى ۋە ئىشەنچلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 54 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر دوستانە تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى، ھازىر تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى باشتىن - ئاخىر باراۋەرلىك ۋە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلىپ كەلدى، ئەزەلدىن باشقىلارغا زورلاپ تاڭمىدى. جۇڭگونىڭ ئافرىقىغا ياردەم بېرىش داۋالاش ئەترىتى، ياردەم بېرىپ قۇرۇپ بەرگەن جۇڭگو - ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى دوستلۇق دوختۇرخانىسى قاتارلىق مۇھىم تۈرلەر شۇ جايدىكى خەلققە بەخت يارىتىپ، ئافرىقا - جۇڭگو دوستلۇقىنىڭ سىمۋولىغا ئايلاندى. ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى جۇڭگوغا ئىشىكنى كەڭ ئېچىۋېتىشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىگە بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىپ، ئېكۋاتور گىۋىنېيەسىنىڭ ئىقتىسادنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ۋە سانائەتلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى، دۆلەتنىڭ ئۇزاق مەزگىللىك ساغلام تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشىنى قارشى ئالىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى ھەمدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى، ئالغا بېسىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىشقا پايدىلىق. ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى جۇڭگو تەرەپنىڭ رايون قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كۆرسەتكەن پائال تىرىشچانلىقىغا يۈكسەك باھا بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق رامكىلار ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بار، تەيۋەن جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت دەپ قارايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى مەبلەغ سېلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ شەرقىي دەرۋازىسىنىڭ سىرتىدىكى مەيداندا ئوبىئاڭ ۋە رەپىقىسى كونستانسىيا ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  ئوبىئاڭ يېتىپ كەلگەندە، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو - ئېكۋاتور گىۋىنېيەسى ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى. ئوبىئاڭ شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ئوبىئاڭ ئەر - خوتۇن ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ