جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2024.05.29 13:44 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

  ​«يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر» «پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»غا قاراپ چىقتى​

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى يىغىن ئېچىپ، «يېڭى دەۋردە ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ تېز قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشقا دائىر بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر» «پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»غا قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، ئېنېرگىيە خام ماتېرىيال بازىسى، زامانىۋى جابدۇق ياسىمىچىلىقى ھەم يۇقىرى تېخنىكىلىق كەسىپلەر بازىسى ۋە ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت تۈگۈنى بولۇشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى باشتىن - ئاخىر چىڭ كۆزلەپ، تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشتا يېڭى، زور بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پەن - مائارىپ بايلىقى توپلىنىشتەك ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي ئىجادىيەت خاراكتېرلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىش كېرەك. شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ ۋە زورايتىپ، كەلگۈسى كەسىپلەرنى پىلانلاش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان قاتناش ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇھىم ئامىلنىڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئەركىن، قولاي يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىلەن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، گۈزەل ئوتتۇرا قىسىم رايوننى تېز قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شەھەر - يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرۇپ، يېزا - كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. ئاشلىق، ئېنېرگىيە بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنىڭ بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەركەز رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىزىملىك شەكلىدە ئالغا سىلجىتىشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. ئالاقىدار تارماقلار قوللاش سالمىقىنى زورايتىشى، سەنشى، ئەنخۇي، جياڭشى، خېنەن، خۇبېي، خۇنەن قاتارلىق ئوتتۇرا قىسىمدىكى ئالتە ئۆلكە ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى، قۇدرەتلىك خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئوتتۇرا قىسىم رايونلارنىڭ قەد كۆتۈرۈش يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش دۆلەت خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات پۈتۈن ۋەزىيىتى، خەلقنىڭ مال - مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن ھالقىپ ئۆتۈشكە تېگىشلىك مۇھىم ئۆتكەل. «پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش بويىچە جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى تۈزۈپ ئېلان قىلىشتىكى مەقسەت، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يەنىمۇ تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۇل مۇئامىلە خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، پۇل مۇئامىلە ساھەسىدىكى ئالاقىدار باشقۇرغۇچى تارماقلار، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى، ساھە مەسئۇل تارماقلىرى ۋە يەرلىكتىكى پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، پۇل مۇئامىلە خەۋپ - خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، پۇل مۇئامىلىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈندۇر.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەقىقىي تۈردە «بەلگىلىمە»نى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇپ، قاتتىق بولۇشنى باش ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دادىل باشقۇرۇپ - دادىل چىڭىتىپ، ھەقىقىي باشقۇرۇپ - ھەقىقىي چىڭىتىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلارنىڭ جەزمەن جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشتە جەزمەن قاتتىق بولۇشتىن ئىبارەت كۈچلۈك سىگنالنى تارقىتىپ، پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشتا «ئۆتكۈر چىش ۋە تىكەن» بولۇش، پىرىنسىپال بولۇشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق بولۇش كەيپىياتىنى پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە تۇرغۇزۇش ھەم ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ