خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى «ئامېرىكىنىڭ 2023-يىللىق كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش دوكلاتى» ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش ھەقىقىي ئەھۋالىنى پاكىت ۋە سانلىق مەلۇماتلار بىلەن ئاشكارىلاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ھەقىقىي تەدبىر قوللىنىپ ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ، ئامېرىكا خەلقىنىڭ كۈتكەن ئۈمىدى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.
دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2023-يىلى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى داۋاملىق ناچارلاشقان. ئامېرىكىدا كىشىلىك ھوقۇق كۈنسېرى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلغان. سىياسىي، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىدارە ئورنىنى ئىگىلىگەن ئاز ساندىكى كىشىلەرگە سېلىشتۇرغاندا، كۆپ ساندىكى ئاددىي پۇقرالار بارغانسېرى چەتلەشتۈرۈلدى، ئاساسىي ھوقۇق ۋە ئەركىنلىك ساختىلاشتى.
دوكلاتتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئامېرىكىدا پۇقرالار ۋە سىياسىي ھوقۇق قۇرۇق گەپكە ئايلاندى. ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ زوراۋانلىقى ئېچىنىشلىق ھاياتلىق بەدىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، پارتىيەلەرنىڭ يامان سۈپەتلىك ئېلىشىشى قورال-ياراغ تىزگىنلەش ئورتاق تونۇشىنى ھاسىل قىلالمىدى. ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقى بارغانسېرى كۈچەيدى، ساقچىلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمى ساختا بولدى، كەڭ كۆلەمدە قاماق جازاسى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش مەسىلىسى گەۋدىلىك بولدى. سىياسىي قۇتۇپلىشىش داۋاملىق كەسكىنلەشتى، سايلامنى تىزگىنلەش خالىغانچە ئېلىپ بېرىلدى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى نوپۇزى داۋاملىق تۆۋەنلىدى.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشچە، ئامېرىكىنىڭ ئىرقىي كەمسىتىش جاھىل كېسەللىكىنىڭ زىيىنى چوڭقۇر بولغان. ئامېرىكىدا ئافرىقا پۇشتىدىن بولغانلار قانۇن ئىجرا قىلىش ساھەسى، داۋالاش ساھەسى قاتارلىقلاردا ئېغىر ئىرقىي كەمسىتىش ۋە باراۋەرسىزلىككە دۇچ كەلدى. ئامېرىكىدا ئاسىيا پۇشتىدىن بولغانلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش تېخىمۇ كەسكىنلەشتى، يەرلىك ئاھالە بولغان ئىندىئان پۇقرالار ھوقۇقىغا ئۇزۇن مۇددەت چېقىلىپ، ئىرقىي كەمسىتىش ئىدىئولوگىيەسى ئامېرىكىدا يامان خاراكتېرلىك تارقىلىپ، دۆلەت ھالقىپ تېشىپ چىقماقتا.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ قارالدى: ئامېرىكىدا ساقلىنىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى كىشىلىك ھوقۇقنى ئامېرىكىدا ماھىيەت جەھەتتىن ئاز ساندىكى كىشىلەر بەھرىمەن بولىدىغان ئىمتىيازغا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، دۇنيانىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا ئېغىر تەھدىت سالدى ۋە توسقۇنلۇق قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى