خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىسرائىلىيەدىكى خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە كېلەر ھەپتە مىسىر ۋە قاتارنىڭ يېڭى تەكلىپىگە ئاساسەن پەلەستىن ئىسلام قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (خاماس) بىلەن سۆھبەتنى قايتىدىن باشلايدىكەن.
خەۋەردار ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ئاخبارات ۋە ئالاھىدە ۋەزىپە ئىدارىسى (موسساد) نىڭ باشلىقى بارنېيا 5-ئاينىڭ 25-كۈنى پارىژدا ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بۇرنس ۋە قاتار باش ۋەزىرى مۇھەممەد بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئۈچەيلەن يىغىن مەزگىلىدە كېلەر ھەپتە مىسىر ۋە قاتارنىڭ يېڭى تەكلىپىگە ئاساسەن سۆھبەتنى باشلاشنى قارار قىلغان.
ئىسرائىلىيە ۋاللا ئاخبارات تورىنىڭ 5-ئاينىڭ 25-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يۇقارقى پارىژ يىغىنىدىن كېيىن، كېلەر ھەپتىدە تۇتۇپ تۇرۇلغان خادىملارنى ئالماشتۇرۇش سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قارار قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خەۋەردە بىر ئامېرىكىلىق خەۋەردار كىشىنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ كونكرېت ۋاقتى تېخى بېكىتىلمىگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئىسرائىلىيە زۇڭلى ئىشخانىسى 5-ئاينىڭ 23-كۈنى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىچكى كابېنتىنىڭ خاماس بىلەن داۋاملىق سۆھبەتلىشىشنى قارار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. مەزكۇر ئىشخانا شۇ كۈنى بىر باياناتتا ئۇرۇش مەزگىلىدىكى ئىچكى كابېنت 5-ئاينىڭ 22-كۈنى كېچىدە يىغىن ئېچىپ، سۆھبەت ۋەكىللىرىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلغان خادىملارنى ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى داۋاملىق تىرىشىپ ھاسىل قىلىشى توغرىسىدا كۆرسەتمە بەردى، دېدى. بىراق باياناتتا سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتى ۋە باشقا تەپسىلاتلار تىلغا ئېلىنمىدى.
يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى پارتلىغان 7 ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماس كۆپ قېتىم سۆھبەتلەشتى. بۇلتۇر 11-ئايدا قىسقا ۋاقىت ئۇرۇش توختىتىلغان ھەمدە تۇتۇپ تۇرۇلغان بىر قىسىم كىشىلەر قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىن يېڭى ئىلگىرىلەش بولمىدى. مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ خاماس، ئىسرائىلىيە ۋە ئالاقىدار ياراشتۇرغۇچى تەرەپ مىسىر پايتەختى قاھىرەدە ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى ئۆتكۈزدى. ئىسرائىلىيەنىڭ بىر ئەمەلدارى 5-ئاينىڭ 9-كۈنى مۇخبىرغا ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ رافادا داۋاملىق ھۇجۇم قوزغىغانلىقىنى ئېيتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى