مۇھىم خەۋەرلەر

پاكىستان زۇڭلىسى يەنە بىر قېتىم بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2024.06.02 23:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پاكىستان زۇڭلىسى شاھباز 5-ئاينىڭ 26-كۈنى يەنە بىر قېتىم سۆز قىلىپ، پاكىستاننىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  شاھباز شۇ كۈنى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دىدى: جۇڭگونىڭ جانجىگەر قېرىندىشى ۋە ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پاكىستان جۇڭگونىڭ تەيۋەن مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئىزچىل قوللاپ كەلدى ھەمدە داۋاملىق قوللايدۇ. پاكىستان بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدۇ، تەيۋەننى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قوللايدۇ.

  پاكىستان زۇڭتۇڭى زەردارى يېقىندا جۇڭگو ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پاكىستاننىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى، جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقى ھەم قوللايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

  پاكىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇمتاز زاخرا بالوچمۇ يېقىندا پاكىستاننىڭ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى، تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ب د ت يىغىنىنىڭ 2758-نومۇرلۇق قارارىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ب د ت دىكى بارلىق قانۇنلۇق ھوقۇقى ئېنىق ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋەكىلىنىڭ جۇڭگونىڭ ب د ت دىكى بىردىنبىر قانۇنلۇق ۋەكىلى ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىندى، بۇ قارارنىڭ نوپۇزىدىن گۇمانلىنىشقا بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ