مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

2024.06.02 23:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجادىي رول ئوينايدۇ.

  شۇ كۈنىدىكى مۇخبىرلار يىغىنىدا بىر مۇخبىر سوئال سوراپ، ئىسپانىيە، ئىرېلاندىيە يېقىندىلا پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ئوخشاش ھەرىكەت قوللىنامدۇ؟ دېدى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو پەلەستىن خەلقىنىڭ قانۇنلۇق مىللىي ھوقۇقنىى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى ھەققانىي ئىشلىرىنى ئىزچىل قوللاپ، «ئىككى دۆلەت لايىھىسى» نى قوللاپ كەلدى، جۇڭگو پەلەستىن دۆلىتىنى ئەڭ بالدۇر ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى مەسىلىسىدىكى مەيدانىمىز ئىزچىل. بىزنىڭ قارىشىمىزچە، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2728-نومۇرلۇق قارارىنى ھەقىقىي ئىجرا قىلىپ، ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، غەزە تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىنسانپەرۋەرلىك كىرىزىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، <ئىككى دۆلەت لايىھىسى>نى ئاساس قىلغان، پەلەستىن مەسىلىسىنى سىياسىي يول ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ توغرا يولىغا تېزدىن قايتىشتىن ئىبارەت.

  ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى بالدۇرراق ئاخىرلاشتۇرۇپ، پەلەستىن مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك، ئادىل، ئۇزاققىچە ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئىجادىي رول ئوينايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ