خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن يېقىندا قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا ئىران زۇڭتۇڭى رەئىسىنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ ئىراننىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى موخبىرغا تېلېگرامما يوللاپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە ۋاكالىتەن زۇڭتۇڭ رەئىسىنىڭ تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئالەمدىن ئۆتكىنىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى، بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ موخبىر، زۇڭتۇڭ رەئىسىنىڭ تۇغقانلىرى ھەمدە ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىدىن سەمىمى ھال سورىدى. رەئىس شى جىنپىڭ: زۇڭتۇڭ رەئىسى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئىراننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغداش، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتىگىيىلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن پائال تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، ئۇنىڭ بەختكە قارشى ۋاپات بولغانلىقى ئىران خەلقىنىڭ زور يوقىتىشى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقىنى بىر ياخشى دوستىدىن ئايرىدى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو-ئىراننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن ئىراننىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوقۇم ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىدىغانلىقىغا ۋە راۋاجلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، دەپ كۆرسەتتى.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: جۇڭگو تەرەپ يەنە دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىياننىڭ بەختكە قارشى ئالەمدىن ئۆتكىنىگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىدۇ، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ئابدۇللاھىياننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمى ھال سورايدۇ.
ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو ئىرانغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بىز ئىران تەرەپنى داۋاملىق بارلىق زۆرۈر قوللاش ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايمىز. جۇڭگو ئىران ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتىنى قوغدىشىنى داۋاملىق قوللايدۇ، ئىران بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئىران ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ