مۇھىم خەۋەرلەر

ب د ت يىغىنىنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا دۆلەت بولۇشىغا چېتىشلىق قارارى نىمە ئۈچۈن شۇنچە مۇھىم؟

2024.06.02 23:00 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-قېتىملىق ب د ت يىغىنىنىڭ جىددىي ئالاھىدە يىغىنى يېقىندا قارار ماقۇللاپ، پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ب د ت نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن ب د ت غا ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن ئىكەنلىكىنى، ب د ت غا ئەزا دۆلەتلىككە قوبۇل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى بېكىتتى. بۇ قارار نېمىشقا مۇھىم؟

  ئالدى بىلەن بۇ قارار دۇنيادىكى كۆپ ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ پەلەستىننىڭ ب د ت غا ئەزا دۆلەت بولۇش مەسىلىسىدىكى ھەققانىي ساداسىنى نامايان قىلىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ پەلەستىننىڭ ئەزا دۆلەت سالاھىيىتى بىلەن ب د ت غا كىرىش ئىلتىماسىغا قايتىدىن قاراپ چىقىشى ۋە تەستىقلىشىنىڭ مۇھىملىقى ۋە تەخىرسىلىكىنى كۈچەيتتى.

  ئىككىنچى، بۇ قارار ب د ت ئۇزۇن مۇددەت قوللىغان، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلغان «ئىككى دۆلەت لايىھەسى»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىشقا پايدىلىق. پەلەستىن دۆلىتى ب د ت غا ئەزا دۆلەت بولسا، پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىغا نىسبەتەن ھوقۇقى بارلىقىنى يەنىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيەنىڭ كەلگۈسى سۆھبىتىگە شەرت بېكىتىدۇ.

  ئۈچىنچى، بۇ قارار پەلەستىن دۆلىتىگە يېڭى ھوقۇق ۋە ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدۇ، پەلەستىن ۋەكىلى ئىنگلىزچە ھەرپ تەرتىپى بويىچە ب د ت يىغىن مەيدانىدا باشقا ئەزا دۆلەتلەر ۋەكىللىرىنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تەكلىپلەرنى ئورتاق ئوتتۇرىغا قويۇش ھەمدە خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ پەلەستىننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تارىخىي ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىغانلىقىغا قارىتا قۇتقۇزۇش بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىننىڭ ساداسىنى تېخىمۇ تولۇق ئاڭلىشىغا پايدىلىق.

  تۆتىنچى، بۇ قارار ئامېرىكىنىڭ پەلەستىننى ب د ت غا ئەزا دۆلەت قىلىپ قۇبۇل قىلىشنى رەت قىلىش مەيدانىنىڭ دۇنيادىكى كىشىلەر قەلبىگە ياقمايدىغانلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىپادىلەيدۇ. 4-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئامېرىكا خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ ب د ت غا رەسمىي ئەزا دۆلەت بولۇش ئىلتىماسىنى رەھىمسىزلىك بىلەن رەت قىلدى. ئامېرىكا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە رەت قىلىش ھوقۇقىنى قايتا-قايتا ئىشلىتىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ پەلەستىننىڭ ئۇزۇندىن بۇيان تارىخىي ئادالەتسىزلىككە ئۇچرىشىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ