دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، رۇسىيە زۇڭتۇڭى ۋلادىمىر ۋلادىمىروۋىچ پۇتىن 5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىن 17-كۈنىگىچە جۇڭگودا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ.
پۇتىن 1952-يىل 10-ئاينىڭ 7-كۈنى لېنىنگراد شەھىرى (بۈگۈنكى سانكت-پېتىربۇرگ شەھىرى) دە تۇغۇلغان، 1975-يىلى لېنىنگراد داشۆسىنىڭ قانۇن فاكۇلتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ كاندىدات دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئۇ ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى دۆلەت بىخەتەرلىك ئاپپاراتىدا ئىشلىگەن مەزگىلىدىكى 1985-يىلىدىن 1990-يىلىغىچە دېموكراتىك گىرمانىيەدە خىزمەت قىلغان.
1990-يىلى ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن، پۇتىن لېنىنگراد داشۆسى مۇدىرىنىڭ تاشقى ئىشلار ياردەمچىسى، سانكت-پېتىربۇرگ شەھىرى باشلىقىنىڭ مەسلىھەتچىسى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت تاشقى ئالاقە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋە سانكت-پېتىربۇرگ شەھىرىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. 1996-يىل 8-ئايدا ئۇ رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان، 1997-يىل 3-ئايدا رۇسىيە زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قوشۇمچە رېۋىزىيە باش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان، 1998-يىل 5-ئايدا زۇڭتۇڭ ئىشخانىسىنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن مۇدىرى بولغان. 1999-يىل 3-ئايدا، پۇتىن رۇسىيە فېدېراتسىيە بىخەتەرلىك مەجلىسىنىڭ كاتىپى بولغان، 1999-يىل 8-ئاينىڭ 9-كۈنى بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلى قوشۇمچە مۇۋەققەت زۇڭلىلىققا تەيىنلەنگەن، 8-ئاينىڭ 16-كۈنى زۇڭلى بولغان. 1999-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى، شۇ چاغدىكى زۇڭتۇڭ يېلىتسىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىغان، پۇتىن مۇۋەققەت زۇڭتۇڭ بولغان. 2000-يىل 3-ئايدا پۇتىن زۇڭتۇڭ بولۇپ سايلانغان. پۇتىن 2000-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە ئىككى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولغان، 2008-يىلىدىن 2012-يىلىغىچە زۇڭلى بولغان، 2012-يىلىدىن 2024-يىلىغىچە ئىككى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ بولغان. 2024-يىل 3-ئايدا، پۇتىن يەنە ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەپ، 5-ئاينىڭ 7-كۈنى قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغان، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئالتە يىل.
پۇتىن ئىلگىرى 22 قېتىم جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن ياكى جۇڭگوغا كېلىپ خەلقئارا پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ