دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتى 5 -يانۋار «2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە بولغان يەر شارى كىلىماتى: كىلىمات ئۆزگىرىشى تېزلەشكەن ئون يىل» دېگەن دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، 2011-يىلىدىن 2020-يىلغىچە بولغان مەزگىل خاتىرىلەنگەندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ئون يىل بولدى دەپ كۆرسەتتى.
دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2011-يىلدىن 2020-يىلغىچە بولغان كىلىمات ئۆزگىرىش سۈرئىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، بۇ رېكورت يارىتىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ ئىسسىق ئون يىل بولدى. بۇ ئون يىلدا پارنىك گازىنىڭ قويۇقلۇقى داۋاملىق ئېشىپ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز-ئوكيان تېمپېراتۇرىسىنىڭ يېڭى رېكورت يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۇزلۇقلارنىڭ ئېرىشى ۋە دېڭىز يۈزىنىڭ ئۆرلىشىنى تېزلەتتى. 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، جەنۇبىي قۇتۇپ چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇز قاپلىمىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش مىقدارى 2001-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە %75 كە يېقىن ئاشقان. ئەگەر بۇ يۈزلىنىش داۋاملىشىۋەرسە، دېڭىز بويىدىكى ئويمان دۆلەت ۋە رايونلارغا يەنىمۇ خەۋپ يېتىشى مۇمكىن. «20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىن بۇيان، ھەر ئون يىل ئالدىنقى ئون يىلدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ ئىسسىق بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ يۈزلىنىشتە ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمىدى.» دۇنيا ھاۋارايى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى پېتر تالاس شۇ كۈنى ئېلان قىلغان بىر باياناتىدا مۇنداق دېدى: «ئىنسانلار پائالىيىتىدە قويۇپ بېرىلگەن پارنىك گازى كىلىمات ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب. بىز چوقۇم پارنىك گازىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى ئازايتىشنى يەر شارىنى قوغداشنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى قىلىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىنىڭ كونترولسىز قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك.»
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: 2011-يىلىدىن 2020-يىلىغىچە، ئاممىۋى ۋە خۇسۇسىي كىلىمات مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئاساسەن بىر قاتلاندى، لېكىن بۇ ھەرگىز كۇپايە قىلمايدۇ، «پارىژ كېلىشىمى»دە بېكىتىلگەن تېمپېراتۇرا ئۆرلەش دەرىجىسىنى كونترول قىلىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ كەسكىن كىلىمات ھەرىكىتى قوللىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ