12- ئاينىڭ 6- كۈنى دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا مېكسىكا دىپلوماتىيە مىنىستىرى بارسېنا بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ لوپېزنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - مېكسىكا مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈپ، ئىستراتېگىيەلىك ، ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشچانلىقى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلەندى. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن مېكسىكىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چىڭىتىپ، ئۆزئارا قوللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك، مېكسىكىنىڭ ئۆزىنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن جۇڭگونىڭ مۇھىم ، زور ئىدىيە، تەشەببۇسلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، جۇڭگو - مېكسىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشىنى قارشى ئالىدۇ. خەن جېڭ يېقىندا مېكسىكا تىنچ ئوكيان قىرغىقىدا قارا بوران ئاپىتىگە ئۇچرىغانلىقىدىن ھال سورىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ مېكسىكىنىڭ ئاپەتتىن كېيىنكى قايتا قۇرۇش ئىشلىرىغا مەدەت ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بارسېنا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپنىڭ ھەمىشە مېكسىكا قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ۋاقتىدا ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن. مېكسىكا تەرەپ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار مۇھىم، زور ئىدىيە، تەشەببۇسلارنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى تەرەپ، كۆپ تەرەپلىك ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مېكسىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ