لى شى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رېۋىزىيە باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كانپان بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.12.07 10:45 مەنبە: خەلق تورى

  12- ئاينىڭ 6- كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى بېيجىڭدا لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت رېۋىزىيە باش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى كانپان بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  لى شى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن لائوسنىڭ تاغلىرى تۇتىشىدۇ، سۇ مەنبەسى بىر، قول تۇتۇشۇپ بىللە ئىلگىرىلەيدىغان، تەقدىرداش سوتسىيالىستىك دوستانە قوشنا دۆلەتلەر. بۇ يىل 10- ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇڭلۈن باش شۇجى بىلەن مۇھىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى ئۈچۈن گۈزەل پىلان تۈزۈپ، قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. جۇڭگو لائوس بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئىككى پارتىيەنىڭ نىشانلىق تارماقلىرى ئارىسىدىكى مېخانىزملاشقان ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئۇدۇللاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» قاتارلىق ھەمكارلىقنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق قۇرۇشنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو لائوسنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ، لائوس بىلەن بىرلىكتە باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش تەشەببۇسى، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى شى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى روشەن ئالاھىدىلىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى بىلەن پارتىيە ئىستىلى پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمىدىكى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پاك يىپەك يولى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، چېگرا ھالقىغان چىرىكلىك جىنايەتلىرىگە ھەمكارلىشىپ زەربە بېرىپ، جۇڭگو - لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

  كانپان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: لائوس جۇڭگونىڭ يېقىندا 3- نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ. مۇنبەر مەزگىلىدە، باش شۇجى تۇڭلۈن باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە لائوس - جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنىڭ يېڭى بەش يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى ئىمزالىدى، لائوس - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، بۇ ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. لائوس پارتىيەسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن بولغان قېرىنداشلىق مېھرىنى قەدىرلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، لائوس - جۇڭگو تۆمۈريولىنىڭ پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ