شى جىنپىڭ بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى

2023.12.06 09:27 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى

  12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ دياۋيۈتەي دۆلەت مېھمانخانىسىدا بېلارۇسىيە زۇڭتۇڭى لۇكاشېنكو بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل 2 - ئاينىڭ ئاخىرى، زۇڭتۇڭ ئەپەندى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا جۇڭگوغا كېلىپ دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى، بىز جۇڭگو - بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. بىر يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، خەلقئارا ھەمكارلىقى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىگە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىپ، بېلارۇسىيەنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللىدى، تاشقى كۈچلەرنىڭ بېلارۇسىيەنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىغا قارشى تۇردى. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو - بېلارۇسىيە مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەن ئون يىل ئىلگىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدىم، ھازىر 150تىن ئارتۇق دۆلەت ھەمكارلىشىشقا قاتناشتى. يېقىندا، مەن جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشنى قوللايدىغان سەككىز تۈرلۈك ھەرىكىتىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم، بېلارۇسىيە تەرەپنىڭ داۋاملىق پائال قاتنىشىپ، بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەرەققىيات پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى قارشى ئالىمەن. ئىككى تەرەپ جۇڭگو - بېلارۇسىيە سانائەت باغچىسى قاتارلىق تۈرلەرنى ياخشى يولغا قويۇپ، جۇڭگو بىلەن بېلارۇسىيەنىڭ سانائەت ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ چېگرا ھالقىغان تىرانسپورتنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىقتىساد - سودا ۋە خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. قەرەللىك ھالدا مەدەنىيەت كۈنى پائالىيىتىنى ئۆزئارا ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ، سەھىيە، تەنتەربىيە، ساياھەت ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللاپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشى ۋە دوستلۇقىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو - بېلارۇسىيە ئىككى تەرەپ يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىدىغان مۇھىم كۈچ. جۇڭگو تەرەپ بېلارۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزم ئىچىدە ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لۇكاشېنكو مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو تەرەققىياتتا غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرمەكتە، دۇنياغا مۇھىم تۆھپە قوشماقتا. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرى ھەرقايسى تەرەپنى نەپكە ئېرىشتۈردى، ئۆگىنىشكە، ئۆرنەك ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. بېلارۇسىيە جۇڭگونىڭ داۋاملىق تەرەققىي قىلىپ قۇدرەت تېپىشىنى چىن كۆڭلىدىن ئۈمىد قىلىدۇ، بۇ، پۈتۈن دۇنيانىڭ تىنچلىق، تەرەققىيات ئىشلىرىغا پايدىلىق. بېلارۇسىيە قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ۋە كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، بېلارۇسىيە - جۇڭگو دائىملىق، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. بېلارۇسىيە تەرەپ شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىدۇكى، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق يەرشارىۋى تەشەببۇسلار خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى ھەقىقىي مۇجەسسەملەيدىغان ئۇلۇغ ئىش، بۇنىڭغا داۋاملىق پائال قاتنىشىدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى.

  سەي چى، ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ