شى جىنپىڭ 10 - قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى پەيتىدە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

جاۋ لېجى دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.12.06 09:29 مەنبە: خەلق تورى

  ■ ئاساسىي قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى باش نىزامنامە، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ قانۇن ئاساسى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئالىي قانۇن ئۆلچىمى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئاساسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسى ۋە ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى

  ■ يېڭى مۇساپىدە، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سىياسىي تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورلۇقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسى، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش، ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە ئۇنىڭ نازارەتچىلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇش، نەزەرىيەنى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، ئىدىيە يېتەكچىلىكىگە ئومۇميۈزلۈك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن روھى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك

  10 - قېتىملىق دۆلەت ئاساسىي قانۇن كۈنى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاساسىي قانۇن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، خەلقنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى باش نىزامنامە، پارتىيەمىزنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى تۈپ قانۇن ئاساسى، دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىدىكى ئەڭ ئالىي قانۇن ئۆلچىمى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە ئاساسىي قانۇن خىزمىتىگە بولغان ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسى ۋە ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي قانۇن تۈزۈم قۇرۇلۇشى ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، ئاساسىي قانۇننىڭ نوپۇزى ۋە ئىززەت - ھۆرمىتىنى قەتئىي قوغداپ، ئاساسىي قانۇننى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئاساسىي قانۇننىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. سىياسىي تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك، ئاساسىي قانۇندا بېكىتىلگەن خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورلۇقىدىكى دۆلەت تۈزۈلمىسى ۋە خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىدىكى ھاكىمىيەت تۈزۈلمىسىدە چىڭ تۇرۇشتا تەۋرەنمەسلىك كېرەك. يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن بەلگىلىمىسى، ئاساسىي قانۇن پىرىنسىپى، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش، ئاساسىي قانۇننى ئىزاھلاش، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىكىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يادرو قىلغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى تېز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە ئۇنىڭ نازارەتچىلىك سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتى ۋە تەشۋىق - تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، بىلىمنى ئومۇملاشتۇرۇش، نەزەرىيەنى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈش، ئىدىيە يېتەكچىلىكىگە ئومۇميۈزلۈك كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئاساسىي قانۇن روھى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى پۈتكۈل خەلقنىڭ ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى بىلەن بېيجىڭدا «ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئاساسىي قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش» سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزدى. يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  جاۋ لېجى سۆزىدە مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش ۋە تەشۋىق - تەربىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ تۈپ قانۇنىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئۈنۈمىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە ئاساسىي قانۇننى يولغا قويۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم سۆز ۋە ماقالە ئېلان قىلىپ، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئاساسىي قانۇن ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇشنىڭ دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ تۈپ تەلىپى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، بىر پۈتۈن ئەمەلىيلىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ روشەن سوتسىيالىزىم خاراكتېرىگە ئىگە ئاساسىي قانۇن ئىكەنلىكى، ھەقىقىي مەنىدىكى خەلق ئاساسىي قانۇنى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاساسىي قانۇن ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش كۈچىنى توپلاش كېرەك. دۆلىتىمىز ئاساسىي قانۇنىنىڭ ھەممىدىن ئۈستۈن قانۇنچىلىق ئورنىغا ۋە قۇدرەتلىك قانۇنچىلىق كۈچىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە يولغا قويۇشنىڭ دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى باش ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، قانۇنچىللىق يولىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش كېرەك.

  جاۋ لېجى مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى مۇساپىدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاساسىي قانۇن نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاساسىي قانۇننى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، يولغا قويۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى يولغا قويۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قانۇن نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلمىي، ئۈنۈملۈك، سىستېمىلىق، مۇكەممەل تۈزۈم سىستېمىسى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇننىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. جۇڭگونىڭ ئاساسىي قانۇن ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاساسىي قانۇن نەزەرىيە تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، پۈتكۈل خەلقنى ئاساسىي قانۇننىڭ سادىق ھۆرمەتلىگۈچىلىرى، ئاڭلىق رىئايە قىلغۇچىلىرى، قەتئىي قوغدىغۇچىلىرىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى خۇڭجۇڭ سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، جۇڭگو قانۇنشۇناسلىق جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

  شياۋ جيې، خاۋ مىڭجىن، جاڭ چىڭۋېي سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خىزمەت كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، بېيجىڭدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ