گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 12-ئاينىڭ 6-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەن سىنگاپورنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە مالىيە مىنىستىرى خۇاڭ شۈنسەي بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-سىنگاپور ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. رەئىس شى جىنپىڭ لى شيەنلۇڭ زۇڭلى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-سىنگاپور مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك، يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ھاياتىي كۈچ، يېڭى جانلىنىش ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىندى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو سىنگاپور بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئىستىراتىگىيەلىك يېتەكچىلىكىگە ئەمەل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە رايون ۋە دۇنيا قاتلىمىدىن مۇئامىلە قىلىشنى خالايدۇ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، رايوننىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىمىز.
لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى، جۇڭگو سىنگاپور بىلەن يۇقىرى قاتلامدىكىلەرنىڭ قويۇق ئالاقىسىنى ساقلاپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، جۇڭگو-سىنگاپور ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، دېڭىز-ئوكيان ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىش قاتارلىق ساھەلەردە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، قۇرۇقلۇق، دېڭىز يېڭى يولى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. «بىر بەلباغ بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىدا داۋاملىق ئالدىدا مېڭىش كېرەك. جۇڭگو سىنگاپور قاتارلىق رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەركىن سودا رايونىنىڭ 3-نەشرى سۆھبىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، رايونلارنىڭ بىرلىشىشىگە داۋاملىق يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.خۇاڭ شۈنسەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، سىنگاپور-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى بولدى. سىنگاپور سىنگاپور-جۇڭگو مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن يۇقىرى قاتلام ئالاقىلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، مەبلەغ سېلىش، يېشىل تەرەققىيات، رەقەملىك ئىقتىساد قاتارلىق ساھەلەردە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتا ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سىنگاپور-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى سۈپەتلىك ئالدىن كۆرەرلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ