شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «لياڭجۇ مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.12.05 09:57 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك «لياڭجۇ مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: لياڭجۇ خارابىسى جۇڭخۇا 5000 يىللىق مەدەنىيلىك تارىخىنىڭ ئەمەلىي ئىسپاتى، دۇنيا مەدەنىيلىكىدىكى گۆھەر. ئۇزاق تارىخىي مۇساپىدە، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئۆزىگە خاس يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىجاد قىلىش، تومۇرداش بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ساقلاپ، بىر قاتار مەدەنىيلىك يۇقىرى پەللىسىنى تىكلىدى. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، تولۇق قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە مۇجەسسەملەپ، ئۈزلۈكسىز بېيىپ راۋاجلىنىپ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ، دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىك جەۋھىرىنى ئۈزلۈكسىز قوبۇل قىلىپ، دۇنيا مەدەنىيلىك گۈلزارلىقىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، بىر ياقىدىن باش چىقىرىش، ئىناق بىللە ئۆتۈش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تەرەققىياتىنىڭ توغرا يولى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ «لياڭجۇ مۇنبىرى» سۇپىسىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيلىك سۆھبىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر بولۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، سۆھبەتلىشىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت مەدەنىيلىك قارىشىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئىناق بىللە تۇرۇشى، ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئۆزئارا دوستانە بېرىش - كېلىش قىلىشى، ئۆزئارا چۈشىنىشى، ئۆزئارا يېقىن ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  تۇنجى نۆۋەتلىك «لياڭجۇ مۇنبىرى»نىڭ باش تېمىسى «يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش» بولۇپ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، جېجياڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىرلىكتە مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن، شۇ كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجوۋ شەھىرىدە باشلاندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ