خەن جېڭ «2023-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

2023.12.05 15:04 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 12-ئاينىڭ 4-كۈنى گۇاڭجۇدا «2023-يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. مۇنبەردە ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ تەبرىك خېتى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، بىزنىڭ ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى قوغدىشىمىز ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ھازىرقى ۋەزىيەتتە، بىز كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ يادرولۇق قىممىتى ۋە ئاساسىي پىرىنسىپىدا ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىمىز كېرەك.

  بىرىنچى، ئوخشاش پىكىرلەردە بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا تىنچ بىللە تۇرۇش، باراۋەر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا يۇغۇرما تەرەققىي قىلىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش ئاساسىدا بىرلىكتە ئىلگىرىلەش كېرەك. ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنيا خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنيا مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك تەڭ قۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، كېڭىشىش، ئورتاق تونۇش ئاساسىدا، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك. زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا، كۆپ تەرەپلىك نامى بىلەن بىر تەرەپلىمە ئىش قىلىشقا قارشى تۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، دۇنياۋىلىشىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، قورۇقچىلىق ۋە «ئالاقىنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىق تورتىنى زورايتىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قۇۋۋەت ئاتا قىلىش كېرەك. سۆزلىشىش، كېڭىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش كېرەك.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنىڭ تەشەببۇسچىسى، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزگۈچى، ھازىر جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. بىز تىنچ تەرەققىي قىلىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىمىز، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرىمىز، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەتنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشنى خالايمىز.خۇاڭ كۈنمىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  40 نەچچە دۆلەتنىڭ سابىق سىياسىي ئەربابلىرى، خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەمدە چەت ئەللەرنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار قاتارلىقلار «كۆپ تەرەپچىللىك: تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ سىغدۇرۇشچان بولۇش، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ