24 - قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

2023.12.06 09:32 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۇنيىڭ 12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى مۇنداق ئېلان قىلدى: جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپنىڭ كېڭىشىپ بېكىتىشى ئارقىلىق، 24 - قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى 12 - ئاينىڭ 7 - كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسى مىچېل ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشىدۇ. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ مىچېل ۋە ۋوندېرلېيىن بىلەن بىرلىكتە ئۇچرىشىشقا رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ