شى جىنپىڭ «2023 - يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى

2023.12.06 09:31 مەنبە: خەلق تورى

  12 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «2023 - يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى»گە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيان، پۈتۈن يەرشارىدىكى بىلىملىك زاتلارنى توپلاپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، ئىقتىسادنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان نۇرغۇن قارالمىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، خەلقئارا ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە پائال رول ئوينىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىسلىسىز بولغان دۇنيا ئۆزگىرىشى، دەۋر ئۆزگىرىشى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىش ئالدىدا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى جەزمەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق قىممىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ چىقىشى كېرەك. ھەرقايسى ئەزىز مېھمانلارنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش ئۈچۈن مەدەت بېرىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «2023 - يىللىق سۇڭدۇ خەلقئارا مۇنبىرى» شۇ كۈنى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ گۇاڭجوۋ شەھىرىدە باشلاندى، باش تېمىسى «كۆپ تەرەپچىلىك: تېخىمۇ كۆپ ئالماشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ سىغدۇرۇشچان بولۇش، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىش» بولۇپ، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، ئاۋسترالىيە - جۇڭگو دوستانە ئالماشتۇرۇش جەمئىيىتى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى ھەم دۇنيا رەھبەرلىرى ئىتتىپاقى ئورتاق مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ